تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئاقىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ، شىنجاڭدا ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۆرۈنۈشىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن پۇختا «ئاساس» بەرپا قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى 1 مىليارد 360 مىليون پارچە سانلىق مەلۇماتنى توپلاپ، كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مەھسۇلات سۈپىتى، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق 21 باش تېمىلىق ئامبار بەرپا قىلىپ، 1900دىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات بايلىقى مۇندەرىجىسى شەكىللەندۈردى. «رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى تەلىپى بويىچە، سانلىق مەلۇماتلاردىن ھەمبەھرىلىنىش دائىملىق ھالەت، ھەمبەھرىلەنمەسلىك قىسمەن ئەھۋال بولۇپ قالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پەن - تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خې سۇڭتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى خۇددى ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سانلىق مەلۇماتلاردىن ھەر ۋاقىت ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمبەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

كارخانا قۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەن تىجارەت سۇبيېكتلىرى يەنە بانكا ھېساباتى ئاچىدۇ، كارخانا تامغىسى ئويدۇرىدۇ، قاتارلىقلار. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى كارخانا ئۇچۇرلىرىنى سېكۇنت ئىچىدە ئالاقىدار بانكىلار، ھۆكۈمەت تامغىسى ئويۇش تور نۇقتىلىرىغا يوللاپ، كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى تېجەپ بېرىدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە ئىچكى قىسىمدىكى 27 كەسىپ سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتىنى يىغىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرۈنمە شەكىلدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.

1 مىليارد 360 مىليون پارچە سانلىق مەلۇمات قانداق توپلاندى؟ جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خېرىدارلار دىرېكتورى بۇ ياشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى كەسىپ سىستېمىلىرىغا تارقالغان سانلىق مەلۇماتلار خۇددى تۇرخۇنغا ئوخشايدۇ، «سانلىق مەلۇمات تۇرخۇنى»نى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئورنىتىپ، ئوخشاش بولمىغان سۆز بۆلىكى ۋە كود كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ جەريان خۇددى ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئوخشايدۇ.

بىرلىككە كەلگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى ئىچىدە، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تيەنيى بۇلۇتى، كىۋانت تېخنىكىسى، 5G زاكازلىق تورى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى، ئۇلاش ئېغىزى قائىدىسى، بىخەتەرلىك كېلىشىمى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ساقلاش، ھەمبەھرىلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۆزئارا مەشغۇلاتچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سانلىق مەلۇماتلارنى دەرىجە - قاتلام ھالقىپ، تارماق ھالقىپ ئوبوروت قىلىش ۋە ھەمبەھرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۈندىلىك خىزمەت داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 30دىن ئارتۇق كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، 11 بانكا ئاپپاراتى بىلەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ھەمبەھرىلىنىدۇ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى بار بولسا، باشقا كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە ۋە بانكا ئاپپاراتلىرىنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ھەمبەھرىلەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى سېكۇنت ئىچىدە يوللىغىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ھەربىر كارخانىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك رەسىمىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانىنى مىسالغا ئالساق، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كەسپىدە، بۇ كارخانىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈركۈم قېتىم سانى، مەمۇرىي جازاغا ئۇچراش قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى توپلىنىدۇ، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى كارخانىنىڭ سۈرەت ئۇچۇرىنىمۇ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يان تېلېفونىغا قوشۇپ يوللاپ بېرىدۇ، كۆپ تۈرلۈك مەزمۇن بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاشىلا ئېلىپ كېلىش ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ.

كەلگۈسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى بايلىقىنى تەھلىل قىلىپ، قېزىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا يۈزلەنگەن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىشلىتىدىغان رەقەملىك ھەيدەش بۆلۈمچىسى قۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈش ئېكرانى، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئېكرانى، ئالدىن سىگنال بېرىش - تەھلىل قىلىش ئېكرانى، ھالەتنى سېزىش ئېكرانى سىستېمىسىنى ئېچىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئاقىللاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.