□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئېنىقكى بۇ يىلقى ئىستېمال بازىرىدىكى قىزىق نۇقتا سۆز بولۇپ قالدى. سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسى ئەمەلىي بولۇپ، ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كارخانا ۋە پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ھۆكۈمەت، كارخانا، ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا قانداق يېڭى يۈزلىنىشلەر بولدى، قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان قانداق ياخشى ئۇسۇللار بار؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت ئېلىپ باردى.
سىياسەت پايدىسى تېز قويۇپ بېرىلدى
يېقىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2024 - يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستلىق ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى 20 نەچچە داڭلىق ماركىلىق كارخانا بىلەن بىرلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. بۇ شىركەتنىڭ دۇكان دىرېكتورى جىن مىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىلار 20 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ئاجراتتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم تولۇقلىمىسى 3000 يۈەنگە يېتىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ھەقسىز يەتكۈزۈش، چۇۋۇش، قۇراشتۇرۇش، ئېلىپ كېتىش قاتارلىق بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
يېشىل ئىستېمال ئىستېمالنى جانلاندۇرىدىغان يېڭى موتور بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازارلىرىدا يېشىل ئىستېمال كىچىك دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانلىرىدا، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئېلانلارنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پات - پات ئىستېمالچىلارنىڭ كېلىپ مەسلىھەت سوراۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ شىركىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۇكانلاردا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئولتۇراق رايونغىچە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش زاكازىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %30 بولدى.» شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يېجى مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇنىڭ يىگوۋ يەنە «ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا قوش تولۇقلىما بېرىش كۈز پەسىللىك ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى ئاساسىدا گىرەلەشمە ھالدا كۆپ خىل شەكىلدە ئىستېمالچىلارغا ئېتىبار بېرىدۇ، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، سۇنىڭ يىگوۋ شىركىتى ھەقسىز تازىلاش، ھەقسىز ئۆزگەرتىش، ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستېمالچىلارغا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك مال سېتىۋېلىش يېڭى تەسىراتى يارىتىپ بېرىدۇ.
بازارنى قوزغىتىشتا، چوقۇم سىياسەت پايدىسىنى تېز قويۇپ بېرىش كېرەك. سايمانلارنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسى تۈزدى ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ سايمانلارنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى، تۇرپان، قاراماي قاتارلىق كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يولغا قويۇش لايىھەسى ياكى مەشغۇلات تەپسىلىي قائىدىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن قوللاشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
بۇ يىل شىنجاڭ مەركەزنىڭ 430 مىليون يۈەن يەرلىك مالىيە مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى كارخانىلارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدا 30 نەچچە مەيدان قېتىم پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سودا نازارىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارغا بولغان ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتنىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق تۇرالغۇ تۈرىدىكى تاۋارلار ئىستېمالىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 300 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى جۇ كېلى مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدە ھازىرقى ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كۆزدە تۇتۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسى.
كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلدى
«يېڭىغا ئالماشتۇرۇش + يىغىۋېلىش» زەنجىرىدە «يىغىۋېلىش» ھالقىسى ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق توسۇق نۇقتا بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 13 تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئورتاق بېسىپ تارقىتىپ، سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرىنى كېرەكسىز بۇيۇم قاتارىدا سېتىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ، نىمكەش مال سۇپىسىدا سېتىش جەريانىدا رازى بولغۇدەك خېرىدار تاپماقمۇ تەس.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى تيەن شياۋخۇي مۇنداق دېدى: «ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ، يەنە بىر مەزگىل ئەپلەپ - سەپلەپ ئىشلىتىپ تۇرماقچى بولدۇم».
تيەن شياۋخۇينىڭ كەچۈرمىشى دەل ھازىرقى كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىنمۇ تەس، بۇ خىل قىيىن ئەھۋالدا نۇرغۇن ئائىلە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ئويىدا بولسىمۇ يالتىيىپ قالىدۇ.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى نۇرغۇن ئوبوروت زەنجىرى كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھالقىسىدا توسۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىمكەش ئۆي جاھازلىرى سودىگەرلىرى تاراتقۇلارغا خېرىدارلارنى قانداق تېپىشنىڭ «كەسىپتىكى قىيىن نۇقتا» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 15 ئالاقىدار تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئورتاق تۈزۈپ، بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرىنى يىغىۋېلىش تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىۋېلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنى يىغىۋېلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئاپتوموبىلنى ئىسكىلاتنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش» قاتارلىق جانلىق، كۆچمە يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋالغان ھامان ئېلىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
بۇ تەدبىرلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، كارخانىلارنىمۇ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئىستېمال بازىرىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خۇاۋېي، رۇڭياۋ، شياۋمى قاتارلىق نۇرغۇن يان تېلېفون ماركىلىرىنىڭ بىردەك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىنى، يىغىۋېلىش سوممىسىنىڭ نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىمۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، سۇنىڭ يىگوۋ، جۈرەنجىجيا قاتارلىق سودىگەرلەر بەس - بەستە ئىستېمال مەلۇم سوممىغا يەتكەندە باھانى چۈشۈرۈش، ئىستېمال قىلسا ئېتىبار بېلىتى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقى نەچچە يۈز يۈەندىن مىڭ يۈەندىن كۆپرەككىچە بولدى.
بۇ ساھەگە تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىڭدۇڭ 2016 - يىلىلا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تورغا چىقارغان ھەم مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. نۆۋەتتە، جىڭدۇڭنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەمدە ماتۇڭ، كارىۋات سېلىنچىسى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200دىن ئارتۇق ئىنچىكە ئايرىلغان تۈرنى قاپلىدى.
كارخانىلار ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كەلگەندىن باشقا، ھۆكۈمەتمۇ قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى مەركەز مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان ناھىيە رايونى سودا قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، ناھىيە رايونىدىكى كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش، يىغىش - تارقىتىش پونكىت نوقتىلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ھاسىلىي بايلىقنى توپلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يېزا - بازار سودا مەركىزى قاتارلىق سودا تور نۇقتىلىرىنىڭ كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، نىمكەش ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش، رېمونت قىلىش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ 2030 - يىلىغا بارغاندا، ھاسىلىي بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، شەھەر - يېزىلارنى يىغىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاساسلىق كېرەكسىز، كونا ماددىي ئەشيالارنى يىغىۋېلىش مىقدارىنى 2023 - يىلىدىكىدىن %20 ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
«بار» بولۇشتىن «ئەلا» بولۇشقىچە سۈپەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىندى
«ئۆيدىكى تېلېۋىزور، كىرئالغۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، يېقىندىن بۇيان ئۇششاق كاشىلا ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ خەيچاۋنىڭ ئىزچىل كونا تۇرالغۇسىنى ياخشىلاش ئويى بار ئىدى. يېقىندا، ئۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلاتقا مەستانە بولۇپ قالدى. «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپتۇ، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلىۋالدىم» دېدى ئۇ.
بۇ خىل «بار» بولۇشتىن «ئەلا» بولۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىش، دەل دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى، ھەتتا چوڭ، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدىكى بىر چوڭ يۈزلىنىش.
«دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق چوڭ، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرى نوقۇل ئېشىش مىقدارى دەۋرىدىن ئېشىش مىقدارى بىلەن ساقلانما مىقدارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دەۋرگە قەدەم قويدى.» جۇڭگو باش ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليەن پىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ سىياسەت ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئېھتىياج جەھەتتە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل ئىستېمال قارىشىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار مەھسۇلاتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە مۇھىت قوغداش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۇ شياۋيەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئېتىبار بېرىش سالمىقى زور ئىكەن.» ئۇنىڭ تەسىراتى دەل نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ يۈرەك ساداسى.
كارخانىلارمۇ بۇ بازار ئېھتىياجىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. جىكې ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى جاڭ كېپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئۇزۇن بولۇش، تېز زەرەتلىنىش ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، يۇقىرى سوممىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، ئالدىن پۇل تۆلىمەسلىك، ئۆسۈم ئالماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش شەرتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىش يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 10 مىليارد 3 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 ھەسسە ئاشقان.
سانجى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كۇڭ ۋېييۈ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىر. سانجى ئوبلاستى تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈپ ئالماشتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.
بىر يېڭى، بىر كونا ئارىسىغا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلەشتى، ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇشى يېڭى تۈسكە كىردى.