□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
«بوۋا، موما، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئاتا - ئانام تۇرپاندىن مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى ئېلىپ سىلەرنى كۆرگىلى بارىمەن» دېدى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئادىلىيە ئەخمۇت ئاقتۇ ناھىيەسى تارتاجىك يېزىسى قوشئابات كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق شادېلى ئازغانغا تېلېفون قىلىپ خۇشال ھالدا.
«بەك ياخشى بولدى، مەن سەل تۇرۇپ ياخشى يېمەكلىكلەرنى تەييارلاي، سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ، ئورۇقلاپ قالدىڭىزمۇ - يوق.» شادېلى تېلېفوندا سۆزلىگەچ قايسى ئېسىل تائاملارنى تەييارلاشنى پىلانلىدى.
2018 - يىلى، 24 ياشلىق ئادىلىيە تارتاجىك يېزىسىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، 2 - يىلى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىدە شادېلى بىلەن تۇغقانلاشتى. شادېلىنىڭ قىزى توي قىلىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن، گەرچە دائىم ئۆيگە قايتىپ ئاتا - ئانىسىنى يوقلىسىمۇ، لېكىن يېنىدا پەرزەنتلىرى ھەمراھ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ كۆڭلى يەنىلا يېرىم بولاتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن دائىم قوشنىلىرىغا، ئادەم قېرىغاندا يېنىدا يەنىلا پەرزەنتلىرى بولسا ياخشى ئىكەن دەيتتى.
ئادىلىيەنىڭ ئۆيى تۇرپان شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ ئاتا - ئانىسىنى سېغىنغاندا شادېلى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك كۆرۈپ، ھەر قېتىملىق ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى شادېلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، شادېلى ئەر - خوتۇنننىڭ يېنىدىمۇ ھەمراھ بولىدىغان ئادىمى بار بولدى.
ئادىلىيە بىلەن تۇغقان بولغاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەر شادېلى ۋە خوتۇنىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، يەنە دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە ئادىلىيە بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
2021 - يىلى قوشئابات كەنتى مۇھىتنى تۈزەشنى قانات يايدۇردى، ئادىلىيە بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ بىر تەرەپتىن كەنت كادىرلىرى بىلەن پۈتۈن كەنتنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پىلانلىدى، بىر تەرەپتىن شادېلىنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
ئادىلىيە كۆكتات ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ، شادېلىنىڭ ھويلىسىغا نۇرغۇن كۆكتات تېرىدى، يەنە شادېلىغا قېتىق ئۇيۇتۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بەردى، يەنە مەخسۇس ھويلا - ئاران ۋە ئۆيدىكى نەرسىلەرنى بىر قۇر رەتلىدى. رەتلەش ئارقىلىق، كىچىك ھويلا پاكىز، رەتلىك بولدى. رەتلىك ھويلىنى كۆرۈپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.
مۇھىت تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، ئادىلىيە ھەر كۈنى دېگۈدەك كەنتكە كېلىدىغان بولغاچقا، خىزمەت قىلغاندا دائىم تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتەتتى. شادېلى ئۇنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تاماقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئۆيگە قايتىپ تاماق يېيىشكە چاقىراتتى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان بىللە تاماق يېيىش ئۇلارنىڭ ئەڭ خۇشال چاغلىرى ئىدى.
«بۇنىڭدىن كېيىن نېمە يېگۈڭىز بولسا بىزگە دەڭ، بىز ھەر كۈنى سىزگە ئېتىپ بېرىمىز» دېدى شادېلى.
بۇ يىل 6 - ئايدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئاشكارا مەمۇر تاللىدى، ياش ئادىلىيە سىناپ باقماقچى بولدى، لېكىن ئۇ يەنە بىر ئاز ئەندىشە قىلدى، ئەگەر ئۆزى تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتسە، شادېلى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يەنە يالغۇز قالارمۇ؟
شادېلى ئادىلىيەنىڭ بىرە ئىشتىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بىر قۇر سورىغاندىن كېيىن ئاندىن سەۋەبىنى بىلدى. ئۇ ئادىلىيەگە مۇنداق دېدى: «بالام، سىز تېخى ياش، ئۆز كەسپىڭىز بولۇشى كېرەك، سىز ياخشى ئۆتسىڭىز بىزمۇ خۇشال بولىمىز. يەنە كېلىپ، ئاتۇش شەھىرىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتسىڭىزمۇ ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئەمەس، سىز يەنىلا بىزنى دائىم يوقلاپ تۇرالايسىز».
شادېلىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، تىرىشچان ئادىلىيە تاللاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، شادېلى ۋە ئادىلىيەنىڭ ئاتا - ئانىسى ناھايىتى خۇشال بولدى. 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئادىلىيەنىڭ ئاتا - ئانىسى تۇرپاندىن ئۇنى يوقلاپ كەلدى، يەنە ئالايىتەن شادېلى ئەر - خوتۇننى يوقلاپ كېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«مەن پىچان ناھىيەسىدىن قىزىلسۇ ئوبلاستىغا كەلدىم، بۇ يەر ماڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، سىلەر مېنى ئۆز قېرىندىشىڭلاردەك كۆردۈڭلار، مەنمۇ ئۆز بوۋام - مومامغا مۇئامىلە قىلغاندەك سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن» دېدى ئادىلىيە شادېلى ئەر - خوتۇنغا.