شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىققان 74041 قېتىملىق 10 مىڭ توننىلىق پويىز قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 462 كىلومېتىر كېلىدۇ، نۆۋەتتە، بۇ بۆلەكتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 جۈپ يولۇچى پويىزى ۋە يۈك پويىزى قاتنايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 جۈپكە يېتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈر، پاختا، مېتال رۇدىسى، پولات ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى، شۇڭا تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر.
بۇ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يۈكنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىشى»غا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، ئوبوروت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەرسە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىر گەۋدە بولۇپ جىپسىلاشقان ئوبوروت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 7 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئارقا ـ ئارقىدىن لىنخې ـ قومۇل تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق تەرىقىسىدە قاتنىتىپ، تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى تىرانسپورت تارمىقى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تۇڭ جېنخۇا مۇنداق دېدى: 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى قاتنىتىش يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 5000 توننا ئەتراپىدىكى ئىككى يۈك پويىزىنى بىرلەشتۈرۈپ 10 مىڭ توننىلىق پويىز قىلىپ قاتنىتىش بولۇپ، پويىزلارنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئىگىلەش ۋاقتىنى ئازايتقىلى، پويىزلارنىڭ يۈرۈشۈشى ـ ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى، تىرانسپورت بېسىق بۆلەكلەردە يۈك توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ دائىملىق قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى قاتنىتىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، ۋاگون سەپلەش، لىنىيەدە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە مايىللىشىپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانى ۋە كۆلىمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، قاتنىتىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قاتنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدىكى يۈك پويىزىنىڭ سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتىنى 80 كىلومېتىردىن 90 كىلومېتىرغا ئۆستۈردى، بۇ، كۆپ يۈك بېسىپ تېز يۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.