تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى> توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» ئېلان قىلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى> توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» ئېلان قىلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش − پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ ئويلىشىلدى. بىرىنچى، بۇ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئىككىنچى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئۈچىنچى، بۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. تۆتىنچى، بۇ، زور خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قارار ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانىدا، بىز تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدۇق: بىرىنچىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلارنى بېكىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇردۇق. ئىككىنچىدىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردۇق. ئۈچىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇمىيلىققا ئىگە زور ئىسلاھاتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدۇق. تۆتىنچىدىن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلىدۇق ۋە ئالغا سىلجىتتۇق. بەشىنچىدىن، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇردۇق ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قارار ئارگىنالىدا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردۇق. مەزمۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە ئالاھىدىلىك بار. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق. ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بەردۇق. تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بەردۇق. بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.