چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ۋاھ، بىز ئۇچتۇق!» 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ يېزىسى گۈلتېرىغان كەنتى ۋە شورخانا كەنتىدىن كەلگەن 22 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىككى نەپەر 1-شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CRJ900 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، كېرىيەدىن خوتەن ئايرودۇرۇمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇچۇشنى ھېس قىلدى. ھېس قىلىش ئارقىلىق، ئەزەلدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باقمىغان بۇ يېزىلىق بالىلار ئۆزگىچە يازلىق تەتىلگە ئىگە قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تونۇشقا ئىگە قىلىندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى ۋە خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.
بالىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرتۈش، ئايروپىلان كۈتۈش، ئايروپىلانغا چىقىش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
پائالىيەت كۈنى، بالىلار كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسىغا بالدۇرلا كىرىپ، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرتۈش، ئايروپىلان كۈتۈش، ئايروپىلانغا چىقىش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئايروپىلان كۈتۈش مەزگىلىدە، ئىككى نەپەر 1-شۇجى ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ سىرتىدىكى مۇنار سۇپىسى بىلەن ئايروپىلان سۇپىسىدىكى ئوخشىمىغان تىپتىكى ئايروپىلانلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش بىلىملىرىنى سۆزلەپ، بالىلارنى ئالدىن بىلىمگە ئىگە قىلدى.
تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان بالىلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلان دەل ۋاقتىدا قوزغىلىپ سىيرىلىپ ھەرىكەت قىلدى، ئارقىدىن ئۇچۇش-قونۇش يولىدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، چاقنى كۆتۈرۈپ، يەردىن ئايرىلىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، ئارقىدىن سىلىق ئۇچۇپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان بالىلارنىڭ چىرايىدا دەسلەپتە جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ھاياجانلىنىش جىددىيلىشىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، بالىلار تاقەتسىزلىك ئىچىدە ئايروپىلان دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىدى. ئايروپىلان 40 مىنۇت بوشلۇقتا ئۇچۇپ، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى.
خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن چىرانىڭ كەنتلىرىدىكى بالىلار كۆك ئاسمانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
«ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندىكى ھېسسىيات بەك ياخشى ئىكەن، پەقەت سىلكىندىمەيدىكەن، ئاپتوموبىلدىنمۇ سىلىق ئىكەن، مەن ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئۇچقۇچى بولىمەن.» دېدى گۈلتېرىغان كەنتىدىن كەلگەن مەتياسىن. «ئەسلىدە بىزنىڭ خوتەننىڭ قۇملۇقى شۇنچە چوڭ ئىكەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن، يۇرتۇمنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، يۇرتۇمنى بارغانسېرى يېشىللاشتۇرىمەن!» دېدى شورخانا كەنتىدىن كەلگەن مەتكېرەم. بوشلۇقتا ئۇچۇشمۇ بالىلارنى ئۆز يۇرتىغا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى.
خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن چىرانىڭ كەنتلىرىدىكى بالىلار كۆك ئاسمانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇزاقتىن بۇيان گۈلتېرىغان كەنتى ۋە شورخانا كەنتىدىن ئىبارەت ئىككى كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇردى. نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش ھەم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى باشتىن-ئاخىر جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋىياتسىيە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى.
«بىز مۇشۇنداق پائالىيەت ئارقىلىق كەنتتىكى بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئۇلارغا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىمىز.» دېدى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جاڭ لېي.
(ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ يۆ، ياڭ لېي)