تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى ھەم ئاساسىي قاتلام 1 - سېپىدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە ئەنئەنىۋى يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۇختا پىلانلاپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، ۋاڭ كۇيرەن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كېلىپ، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى ھەم كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن سودا ئوبوروتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى، تاشقى سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلەشتى. «لېكسىيەنى ئاڭلاپ زور ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۇڭشۈ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمايىل ئومۇمىي يىغىن باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جانلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلەپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر داشۆگە بېرىپ سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلىدى. قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ جۈن مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەيمىز. ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرىمىز».

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى ۋە تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمىز.» بورتالا ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئوچېربات مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاشقا تۇتۇش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى يەنە بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىدە نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ رۇيلىن، جەزىرە نېسىپبېك، گو چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شياۋ شياڭ، لى يەنچياڭ، جاۋ جېندۇڭ، فاڭ لى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.