تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياز پەسلىدە ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە ئادەم كۆپ  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتتى: ساغلاملىق مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ياز پەسلىدە ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش بېسىمى ئېشىپ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش قاتارلىق سۇ ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى(شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ياز پەسلىدە سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ زال ئىچى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، نەملىكى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل مۇھىتتا مىكرو ئورگانىزملار ئاسان كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئىستېمالچىلار ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   دۆلىتىمىزدە سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى تازىلىق ئىجازىتى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئاممىۋى ئورۇنغا تەۋە بولۇپ، سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى تازىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. سۇ ئۈزۈش مەيدان-سارايلىرىغا سۇ ئۈزۈشنى مەنئى قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىپ، جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، تېرە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان خېرىدارلارنىڭ كۆلچەككە چۈشۈشىنى مەنئى قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى(شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ئىستېمالچىلارنىڭ ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تاللىغاندا تازىلىق ئىجازەتنامىسى بار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تاللاشقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى، سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆلچەك سۈيى سۈزۈلدۈرۈلگەن ۋە دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىستېمالچىلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى كۆزىتىپ، سۇ سۈپىتىنىڭ دۇغلاشقانلىقىنى، پۇرىقىنىڭ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغانلىقىنى ياكى قول سېزىمى تېرىنى غىدىقلىغانلىقىنى بايقىغاندا ئېھتىيات بىلەن سۇغا چۈشۈشى كېرەك.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، باكتېرىيە ئومۇمىي سانى، دۇغلۇق دەرىجىسى، ئۇرېيە، ئىئونلاشقان قالدۇق خلور، pH قىممىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ «ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە چەك قىممىتى»گە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

    سۇ ئۈزۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بەزى ساغلاملىق تەپسىلاتلىرىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى(شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامال بار ئاچ قورساق ياكى قورساق ئېچىپ تۇرغان ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىك تەكلىپىنى بەردى. سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يۈگۈرۈش، گىمناستىكا ئويناش، مۇۋاپىق سوزۇلۇش ھەرىكىتى قىلىش كېرەك، تەييارلىق ھەرىكىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنى سۇ ئۈزۈش قىياپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك، ئاساسىي پىرىنسىپ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق مۇسكۇل، بوغۇملارنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تارتىشىپ قىلىپ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

   سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، بەدەندىكى تەر ۋە كىرلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، بولمىسا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ دېزىنفېكسىيە ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سۇ ئۈزۈش ئەينىكى، سۇ ئۈزۈش بۆكى، قۇلاق پۇرۇپكىسى، بۇرۇن پۇرۇپكىسىنى توغرا تاقاپ، سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، بەدەندىكى خلور گازى ۋە باشقا خىمىيەلىك ماددىلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك. يەنە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ، تەرلەش ۋە سۈمۈرۈش سەۋەبىدىن يوقاتقان سۇنى تولۇقلاش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.