تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە تۆمۈريول لىنىيەسىدە يۈزبەرگەن ئىللىق ھېكايىلەرگە گۇۋاھ بولدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن

   يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارغا ئىللىق، ئازادە سەپەر مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى. بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر تۆمۈريول لىنىيەسىدە يۈزبەرگەن ئىللىق ھېكايىلەر ۋە دەقىقىلەرگە گۇۋاھ بولدى.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، پويىز خادىمى يولۇچى ۋاڭ تاۋنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالماقتا. ۋاڭ سەيشيا فوتوسى

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، پويىز خىزمەتچى خادىملىرى يولۇچى ۋاڭ تاۋغا بېلەت تولۇقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەكتە. ۋاڭ سەيشيا فوتوسى

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، K9774 قېتىملىق پويىز ئاقسۇ ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندە، ئېغىر كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋاڭ تاۋ پويىز خىزمەتچىلىرىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يول باشلىشى ۋە ياردىمىدە پويىزغا ئوڭۇشلۇق چىقتى.

  ۋاڭ تاۋنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قولايسىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پويىز باشلىقى ۋاڭ تاۋغا كارىۋاتلىق ئورۇن بېلىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بەردى ھەمدە مەخسۇس بىر ئادەمنى يول بويى ھەمراھ بولۇپ مېڭىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندە، ۋاڭ تاۋ مىننەتدار بولغان ھالدا: «كۆزۈم سىلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىڭلار كۆڭلۈمگە ئايان» دېدى.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، Z293 قېتىملىق پويىزنىڭ خىزمەتچىلىرى كىچىك يولۇچىنىڭ يارىسىنى تازىلىماقتا. يۈ ۋېنجيا فوتوسى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇچاڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان Z293 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. يولۇچى لو خانىم ئائىلىسىدىكى ئۈچەيلەن پويىزدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن پويىز خىزمەتچىلىرىگە قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.

  ئەسلىدە، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى لو خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرى پويىزغا چىقىشقا ئالدىراپ-تېنەپ مېڭىۋاتقاندا، قىزى تاساددىپىي يارىلانغان. پويىزغا چىققاندىن كېيىن، لو خانىم ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى پويىز خادىمى بايقاپ قالغان، پويىز خادىمى پويىز باشلىقىغا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، قىزىل كىرېست پويىز خادىمى قىزچاقنىڭ يارىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلىغان.

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى، T380 قېتىملىق پويىز خىزمەتچىلىرى نۇقتىلىق يولۇچىنى ئېھتىيات بىلەن كارىۋات ئۈستىگە چىقىرىپ قويماقتا. گاۋ نيەنخۇي فوتوسى

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى، T380 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، پويىز باشلىقى جوۋ شۈ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلالمايدىغان بىر نۇقتىلىق يولۇچىغا دىققەت قىلدى.

  جوۋ شۈ پويىز خادىمى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يولۇچىنى ئاۋايلاپ كارىۋاتقا چىقىرىپ قويدى، سەپەر جەريانىدا سۇ، تاماق ئەكىلىپ بەردى، يولۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇردى. پويىز چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇ يولۇچىنىڭ ۋوگزالدىن ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا ياردەملەشتى.

  پويىز باشلىقى دوۋ يەنشيا (ئوڭدا) يولۇچىغا پويىزدا ئۇنتۇلۇپ قالغان سومكىسىنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە. جىن شياۋجۈ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى، چېڭدۇ غەربىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە ماڭغان K453 قېتىملىق پويىز ئاخىرقى بېكەت قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، پويىز باشلىقى دوۋ يەنشيا ۋاگونلارنى چارلاۋاتقاندا يولۇچى ئۇنتۇپ قالغان يېشىل رەڭلىك بىر سومكىنى بايقىدى.

  دۇ يەنشيا سومكىنى پويىز خادىمى ئىشخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، پويىز ساقچىسى، پويىز خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە سومكىدىكى كىنىشكىلارنى تەپسىلىي تەكشۈردى ھەمدە ۋوگزال خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى. بىر قاتار مۈشكۈلاتلاردىن كېيىن، ئاخىرى يوقىتىپ قويغۇچى رېن ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى تاپتى.

  پويىز تەكشۈرۈش-رېمونت ئۈچۈن ئىسكىلاتقا كىرىۋاتقاچقا، دوۋ يەنشيا رېن ئەپەندى بىلەن ۋاقىت، ئورۇننى كېلىشىپ، سومكىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەردى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى، K454 قېتىملىق پويىز قومۇل ۋوگزالىدا بىر ئالاھىدە كىچىك مېھمان ـــــ ئۆزى يالغۇز ساياھەت قىلىشقا چىققان توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئوغۇل بالىنى كۈتۈۋالدى. قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا ئادەم كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پويىز خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا كارىۋاتلىق بېلەتنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بەردى. ۋاڭ سەيشيا فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.