تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

پايدىلىق! ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى يېڭى سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى

    ​ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى\ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

    8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا ئائىت كۆپ تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتلەر رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغاندا ئاتا-ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تولۇق چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز سوممىسى ئىسچوت قالدۇقىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن 20 ھەسسىگىچە ئۆستۈرۈلدى، ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى %20 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ قاتارلىقلار.

    شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق بولغان ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مەركەز ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى بويىچە باسقۇچلۇق قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئۈرۈمچى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ سىياسەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل ئىكەن.

   شۇ جايدا يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاتا-ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تولۇق چىقىرىۋېلىپ، ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ.

    شۇ جايدا يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى بويىچە ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سوممىنىڭ 20 ھەسسىسىگىچە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

    تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ ئەمەلىي قەرز پۇل سوممىسىدا «تۆۋەن ئامانەت، تۆۋەن قەرز» پىرىنسىپى يولغا قويۇلۇپ، شەخسىلەر ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سومما، ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى، ئايلىق مائاش كىرىمى، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق شەرتلەر بىلەن باغلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سوممىنىڭ 15 ھەسسىسىگە ئۆستۈرگىلى بولاتتى.

    شۇ جايدا يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي (تەييار ئۆي)لەرنى سېتىۋالغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىلتىماس قىلغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى باشقا تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا %20 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

     ئۆزى ئولتۇرىدىغان تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان كۆپ پەرزەنتلىك (ئىككى پەرزەنتلىك ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتلىك) ئائىلىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا، باشقا تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسىنى %20 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى %20 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، يەنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 960 مىڭ يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى سىياسەت سودا قەرزىنى ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلىغا يۆتكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئىشلىتىپ سودا تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى ئايمۇئاي قايتۇرۇش كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھازىر سىستېما سىناق قىلىنىۋاتىدۇ.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.