تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردا لېكسىيە سۆزلىدى​

ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار مەخسۇس مەيدان لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 460تىن ئارتۇق كىشى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، يەنە 250تىن ئارتۇق كىشى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە شۆبە يىغىن مەيدانىدا ماس قەدەمدە يىغىنغا قاتناشتى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ۋاڭ كۇيرەن باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

ئىككى سائەتكە يېقىن لېكسىيەدە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى، ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، تەرتىپى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر چۈشىنىش، دەل جايىدا ئىگىلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چۈ باۋچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بويىچە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە پائال كۈچ قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر چۈشەندۇق ۋە ئىگىلىدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى خۇ جياڭبو مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان قاتناش - تىرانسپورت ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يول ئاچقۇچى ئاۋانگارت بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ شيا مۇنداق بىلدۈردى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.