تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى​

سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كەڭ كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىسلاھاتنى چۈشىنىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى ئىسلاھاتتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل تۈردە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە پىلانلاشقا يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.