زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ھەقىقىي ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما، رىتىم، ۋاقىت - ئۆلچەم - ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش، ئىزاھلاش - يېشىپ چۈشەندۈرۈش، توردا سوئال - جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كۆپ قاتلام، كۆپ نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تولۇق يەتكۈزۈلۈشىگە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تۈرمۇتۈر رەتلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەم دائىملىق خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، ھەم «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» مۇھىم خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ھازىرقى خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ يىللىق «بىر مۇھىم نۇقتا، تۆت پىلان»ىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ۋاقتىدا، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە يەرلىك نىزاملارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نىزاملارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، نىزاملارنى بىكار قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.