ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ - لېكسىيە سۆزلەپ، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ئاچقۇچنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «پارتىيە كومىتېتى چاقىرىق قىلسا ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش، پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا ھۆكۈمەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ۋە كونا يولغا تايىنىۋېلىشنى بۇزۇپ تاشلاپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك پىلانلاپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، توپلاشتۇرۇش خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، «ئون بارماقتا پىيانىنو چېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزنەك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، تىزىملىك بويىچە يېپىق ھالقا شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، باھالاش ئارقىلىق يۆنىلىش تۇرغۇزۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، كۆيۈنۈش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»تە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇقىيات جارمۇقاممەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.