تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلى بارلار يەنە يىللىق دەم ئېلىش ئالسا بولامدۇ؟

«كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 7 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولىدىغان كۈن سانى ئۇلارنىڭ يىللىق دەم ئېلىش كۈنىدىن كۆپ بولسا، شۇ يىللىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولمايدۇ. ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان قىشلىق، يازلىق تەتىل كۈن سانى ئۇلارنىڭ يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىدىن ئاز بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

   قايسى دەم ئېلىش ۋاقتى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ؟

   «كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 6 - ماددىسىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە ئىشتا يارىلىنىپ ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، شۇ يىلدىكى يىللىق دەم ئېلىشنى قانداق ئالىدۇ؟

   «كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 12 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، شۇ يىلى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ يىللىق خىزمەت ۋاقتىنى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىشى ھەم دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك، لېكىن سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن بىر كۈنگە يەتمىگەن قىسمىغا دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ.

   سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق: (سولدىن ئوڭغا)

شۇ يىلى يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈن سانى - ئىشچى - خىزمەتچى پۈتۈن بىر يىلدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى × (شۇ يىلى شۇ ئورۇندا بولغان كالېندار كۈن سانى ÷ 365 كۈن) 

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ يىلى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان يىللىق دەم ئېلىشقا تېگىشلىك كۈن سانىدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن قايتا تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.

  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.