ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قانچە تەدبىرنى ئېلان قىلدى، كونكرېت مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:
ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئىستېمالچىلار بىراك قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى جەزمەن (دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان <كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش) (تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىت بايلىقى مەھكىمىسى [2024] 1104-نومۇرلۇق) بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن بۇرۇن ئۆز نامىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇشى ھەم ئاپتوموبىل كىچىك تىپتىكى، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق كىچىك ئاپتوموبىل (2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى [شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش]دىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بېنزىن يېقىلغۇلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان دىزېل يېقىلغۇلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە باشقا يېقىلغۇ تىپىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ) ياكى 2018-يىلى 4- ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىل ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرى (سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان جاي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدە) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىل ياكى گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ ماي ئىشلىتىدىغان كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋالسا، بىر قېتىملىق نورمىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، شەخسىي ئىستېمالچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
تور بېكەت ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش
2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تور بېكىتى (http://bfqc.scjss.mofcom.gov.cn/) ياكى «汽车以旧换新» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق، ئېنىق، مۇكەممەل بولغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى توغرا تولدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى (يەنى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىر تۇتاش تالونى» كېسىلگەن جاي)گە ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تەستىقلاپ ئاجرىتىش
1. دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق كىچىك ئاپتوموبىل ياكى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك كونا كىچىك ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغان ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا 20 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
2. دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق كىچىك ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغان ھەمدە گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش مىقدارىغا ئىگە يېقىلغۇ مايلىق كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا 15 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
3. ئۈرۈمچى شەھىرى مالىيەسى ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئىستېمالچىلارنىڭ بانكا كارتىسىغا پېرېۋوت قىلىپ بېرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى