شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 9175 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورتىنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى شىنجاڭدا توپلىنىش، تاموژنىدىن ئۆتۈشكە جەلپ قىلدى، ئالاتاۋ ۋە قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى.
تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورتنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە جەرياننى باشقۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يۈرۈش، يۈك توشۇش، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش قاتارلىق بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتنىشىغا قارىتا بىر گەۋدىلەشكەن قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، جىڭ ـ قورغاس لىنىيەسى ھەم جۇڭگو ـ قازاقىستان ئارىسىدىكى پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، تەڭشەپ، پورتتىكى پويىز ئېقىمىنى تەشكىللەشنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغان پويىزلارنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. ھەم تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك پورت» ۋە «قەغەزسىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» سىستېمىسى تۈرى، تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پورتنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
يول ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پورت ھەم ئارقا سەپنىڭ يول ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەم ئالاتاۋ مەيدان ـ ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. 2023 ـ يىلى، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئېلېكتىرلەشكەن قاتناش، تىجارەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇ يىل جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىغا ئاساس سېلىندى.
قاتناش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. 4 ـ ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى − ئىتالىيە سالېرنو جەنۇبىي يولىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوڭۇشلۇق قاتنىدى، شىنجاڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چېگرا سىرتىدىكى جەنۇبىي يولدا «ئىككى دېڭىز» لىنىيەسىنى ھالقىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى. ئالدىنقى يەتتە ئايدا، جۇڭگو، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش مىقدارى مۇقىم كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى%100تىن ئاشتى.
كېيىنكى مەزگىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پورت ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پورتنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ۋە قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.