شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سائەت 13تە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىدە، 60 ياشلىق ئاغرىق ياڭ شۇفاڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى شيا يۈنىڭ دىياگنوز قويۇش ئۆيىدە رېتسېپ يازدۇردى. «سائەت 11دىن ئاشقاندا، دوختۇر ماڭا دوختۇرخانىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كۆزنىكىدە ئالاھىدە دورا ئىشلىتىشنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئېيتتى، ھازىر ئەنگە ئالدۇرۇشنى تەستىقلىتىپ بولدۇم، ھەقىقەتەن تېز ئىكەن» دېدى ياڭ شۇفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ياڭ شۇفاڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلىپ، قايتا دىياگنوز قويدۇرۇش ئۈچۈن شيا يۈنى ئىزدەپ كەلگەنىدى. دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سوزۇلۇشچان توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇدىگېفۇ سۈمۈرىدىغان تۇمانلاشتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىشكە بولاتتى. بۇ خىل دورا «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلار ئىچىدىكى ئالاھىدە كېسەل تۈرىدىكى دورىغا تەۋە بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئالاھىدە دورىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلەتتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئالاھىدە دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولاتتى. بۇ يىل، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا ئالاھىدە دورىلارنى ئەنگە ئېلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى، ئادەتتىكى ئاغرىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىككى خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر، كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولغان ئالاھىدە ئاغرىقلارغا قارىتا ئالاھىدە دورىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
«ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە دورا يازغۇزۇش، دورا ئېلىشنى چۈشتىن بۇرۇنلا تاماملاپ بولدۇم، ئىككىنچى قېتىم يەنە قاترىمىساممۇ بولىدىغان بولدى» دېدى ياڭ شۇفاڭ.
كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە قايتا تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋاتقان 68 ياشلىق ئاغرىق جىن كېنىڭمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ ماختىدى. «مەن ئىلگىرى ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئۈچ ئايلىق ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئاتچوت قىلغاندىن كېيىنكى قىسمى ئۈچۈن تەخمىنەن 280 يۈەن پۇل تاپشۇراتتىم. بۇدىگېفۇ سۈمۈرىدىغان تۇمانلاشتۇرۇش دورىسىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۈچ قاپ دورىنى ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۆزۈم پەقەت 172 يۈەن تۆلىدىم. باھاسى تۆۋەنلەپتۇ، دورىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى ئىكەن».
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا «دۆلەت باھاسىنى كېلىشتۈرۈپ بېكىتىدىغان دورىلار» سىياسىتىنىڭ دائىملىق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى باھاسىنى كېلىشىپ بېكىتىدىغان دورىلارنى «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتتى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىنى بىردەك باھاسىنى كېلىشىپ بېكىتىدىغان دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەم ئوخشاش ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق ھالدا كىلىنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئېھتىياج جىددىي، خىراجىتى يۇقىرى بولغان دورىلارنى «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلار سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، ئالاھىدە كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ سىجىل كۆپەيدى، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلارنىڭ سانى جەمئىي 229 خىلغا يەتتى.
«<قوش يول> سىياسىتى يولغا قويۇلدى، ئاغرىقلار ئالاھىدە دورىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىلار ھەم بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىۋاسىتە تورغا ئۇلاپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلالايدۇ، ئاغرىقلار پەقەت ئۆزى تاپشۇرىدىغان قىسمىنىلا ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەللىك بويىچە ئاتچوت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر كۆزنەكتە بېجىرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش يۈكى يېنىكلەيدۇ» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا «دۆلەت باھاسىنى كېلىشىپ بېكىتىدىغان دورىلار»نى كىلىنىكىدا ئىشلىتىش ھەم سەپلەش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش بىلەن دوختۇرخانا دورا سەپلەشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكىلىك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھاسى كېلىشىپ بېكىتىلىدىغان دورىلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈلۈپ ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان 229 خىل دورا دوختۇرخانىنىڭ دورا قامۇسى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى.
قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان، ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆپ دورا تۈرلىرى دائىملىق دورىلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئامبۇلاتورىيە دورىخانىسىدىن ھەر ۋاقىت ئالغىلى بولىدۇ، قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان، ئىشلىتىلىش مىقدارى ئاز بولغان دائىملىق بولمىغان دورا تۈرلىرىگە قارىتا، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ كىلىنىكىدا ئىشلىتىش ئېھتىياجى بويىچە ۋاقىتلىق سېتىۋېلىپ، تۆت سائەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقلارغا قارىتا يەنە سىرتتىن دورا سېتىۋالىدىغان رېتسېپ چىقىرىپ بېرىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، دورىلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا يەنە «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلارنى ئاغرىقلار ئەنگە ئالدۇرۇش يېشىل يولى ئېچىپ، ئەنگە ئالدۇرۇشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.