تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

«پامىر بۈركۈتى»نىڭ ئاتىسى بايەكە كەلدىبېك دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدىغان تەكلىپ نامزاتىغا تاللاندى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى «<جۇمھۇرىيەت ئوردېنى> ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدىغان تەكلىپ نامزاتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، بۇ، تۆت نەپەر «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» تەكلىپ نامزاتى، ئون نەپەر دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدىغان تەكلىپ نامزاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى سابىق چېگرا قوغدىغۇچى بايەكە كەلدىبېك دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىدىغان تەكلىپ نامزاتىغا تاللاندى.

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، بايەكە كەلدىبېك بوۋاي چېگرا خەلق ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر شيې چىڭسى فوتوسى


    بايەكە كەلدىبېك، ئەر، تاجىك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1952-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسىدىن، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى سابىق چېگرا قوغدىغۇچى. پامىر ئېگىزلىكىدە، بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد 70 يىل چېگرانى قوغداپ، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يول باشلىغان.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا، بايەكە كەلدىبېكنىڭ دادىسى كەلدىبېك دىلدار ئۆزى تەلەپ قىلىپ، شۇ جايدىكى تۇنجى «قوتازلىق يول باشلىغۇچى»غا ئايلاندى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە چېگرانى قوغدىدى. 1972-يىلى، كەلدىبېك دىلدار ماغدۇرىدىن قالغاندا، كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئوغلى بايەكە كەلدىبېككە تاپشۇردى: «چېگرا تېشىنى بىر مىللىمېتىرمۇ يۆتكەشكە بولمايدۇ.»

    بايەكە كەلدىبېك 1972-يىلى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە يول باشلىغۇچى بولغاندىن باشلاپ، 37 يىل ئىچىدە، 700 قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ، 30 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇپ، خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، ئۇ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ نەزەرىدىكى «تىرىك خەرىتە».

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، بايەكە كەلدىبېك بوۋاي ئوغلى لاچىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن كۆزەينىكىنى ئېلىپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.

سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى


    38 يىلدىن كېيىن، بايەكە كەلدىبېكمۇ ياشىنىپ قالدى، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز بولغان بۇ «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئەمدىلا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپ قايتىپ كەلگەن ئوغلى —— شۇ يىلى 25 ياشقا كىرگەن لاچىن بايەكەگە تاپشۇرۇپ بەردى. لاچىن بايەكە شۇنىڭدىن باشلاپ 16 يىللىق چېگرانى قوغداش ھاياتىنى باشلاپ، بۇنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە داۋاملاشتۇردى — 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، لاچىن بايەكە كاچكۇلغا سەكرەپ چۈشۈپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزدى، بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئۇ بەختكە قارشى قۇربان بولدى، ھاياتى بەدىلىگە ھاياتلىقنى قۇتقۇزغان پامىر بۈركۈتىنىڭ يېشى مەڭگۈ 41 يېشىدا توختاپ قالدى...

​7-ئاينىڭ 21-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىدىكى «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ئۆيىدىكىلەر مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مېڭ مەن باشچىلىقىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش» چېگرا رايون سەپىرى 2024-يىللىق ئالاھىدە پائالىيەت — «دۆلەت يولىدا مېڭىش . 219» كوللىكتىپىنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە بايەكە كەلدىبېك پىروفېسسور مېڭ مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

    بۈگۈنكى كۈندە، 70 نەچچە ياشلىق بايەكە كەلدىبېك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەنىلا ئېگىزلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «پامىر بۈركۈتى»نىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. تىزناپ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئەلىئەزىز شىلاۋارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ جىمجىت ھويلا لاچىن بايەكەنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئۆيى ئىكەن، قەھرىمان قۇربان بولغاندىن كېيىن، ياشىنىپ قالغان دادىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يەنىلا بۇ كىچىك ھويلىدا تۇرغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا بۇ ھويلىنى پاكىز تازىلاپ، ئەينى يىللاردىكى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.