تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | چىلان بىلەن راك قاسرىقىنى بىللە يېسە زەھەرلىنىپ قالىدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق. ..

مەنبە: جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى 

   توردا «چىلان ۋە راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىر ـ بىرىگە دۈشمەن» دېگەندەك «قورقۇنچلۇق» قاراشلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئۇنداقتا چىلان بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىللە يېسە راستتىنلا زەھەرلىنەمدۇ؟​

   پايتەخت ساقلىقنى ساقلاش-ئوزۇقلۇق-مەززىلىك تائاملار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ چۈەنلىڭ «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىلان بىلەن راك قاسرىقىنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن گەپ ـ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن مېۋە ـ چېۋە بىر  ـ بىرىگە دۈشمەن، دېگەننىڭ  «كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى».

   زەھەرلىنىش مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىشنى «مىقدار» ئاساسىغا قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر نەچچە تال چىلان بىلەن بىر سىقىم راك قاسرىقىنى بىرلا ۋاقىتتا يېسە ياكى ئىلگىرى - كېيىن يېسە ھەرگىزمۇ زەھەرلىنىپ قېلىش دەرىجىسىگە بارمايدۇ.

   گۇ چۈەنلىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تارقىلىپ يۈرگەن ئاتالمىش «ئىلمىي ئاساس» بولسا چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ ئاق مەرگىمۇش ھاسىل قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، راك قاسرىقى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئورگانىك ئارسېننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇراقلىق، ئاز مىقداردىكى ئانئورگانىك ئارسېنمۇ بەدەندە ناھايىتى تېزلا مېتابولىزملىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار چىلان قاتارلىق مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئارسېن ترىئوكسىد (يەنى ئادەتتە دېيىلىدىغان ئاق مەرگىمۇش) ھاسىل قىلمايدۇ، ھەم يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

   مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىلان ۋە راك قاسرىقى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن رېئاكسىيەلەشسىمۇ، مىقدارى قانچىلىك بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. دېڭىز راكىنى مىسالغا ئالساق، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ھەر كىلوگرام يېڭى راكنىڭ تەركىبىدىكى ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى 0.5 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يېڭى راكنىڭ ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى بۇ ئۆلچەمدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، بىر مىللىگرام/كىلوگرامغا يەتكەن تەقدىردىمۇ، بىر قېتىمدا 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق راك يەپ، ئاندىن كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن جىددىي زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، مىقدارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، زەھەرلىنىشنى تىلغا ئېلىش پۈتۈنلەي ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىك.

   ئوزۇقشۇناسلىق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «يېمەكلىك بىر-بىرىگە دۈشمەن» دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

   2000 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە، جۇڭگو ئوزۇقلۇق جەمئىيىتى ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا، يېمەكلىكلەرنىڭ بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدىغانلىقىنى دەلىللەش ھەققىدىكى تېخىمۇ قاتتىق بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن، پىدائىيلار تارقىلىپ يۈرگەن 500 خىلدىن ئارتۇق بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدىغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە بىر ھەپتە دەلىللەش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ھەممە نەرسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ھېچقانداق ناچار تەسىرى يوقلۇقى مەلۇم بولغان.

   ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل «بىر - بىرىگە دۈشمەن يېمەكلىك» نى يېگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ؟

   گۇ چۈەنلىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: مەسىلە ئىككى جەھەتتە كۆرۈلۈشى مۇمكىن:

   1. بەلكىم يېمەكلىك ئۆزى پاكىز ئەمەس. بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ياز پەسلىدە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.

   2. بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتى مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر خىل يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىق ياكى ئاشقازان - ئۈچەي يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن بەدەندە بىئاراملىق پەيدا قىلىپ، خاتا ھالدا ئىككى خىل يېمەكلىك بىر - بىرىگە دۈشمەن، دەپ قارايدۇ. (مۇخبىر لى جيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.