شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ شياۋپېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى خۇڭيۈەن نېفىت جابدۇق - ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇقسان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش لىنىيەسىدە، گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى يىغىۋېلىنغان 686 تال كېرەكسىز نېفىت تۇرۇبىسىنى يېڭى ئۆلچەم بويىچە قايتىدىن ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى رېمونت قىلىپ قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان نېفىت تۇرۇبىلىرىنى تاللاپ چىقتى.
گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، كېرەكسىز نېفىت تۇرۇبىسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى TP182X قۇدۇق مەيدانىدىن يىغىۋېلىنغان، ئەگەر يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن بولسا، بۇ نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ ھەممىسى بىراك قىلىش ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈلەتتى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. غەربىي شىمال نېفىتلىكى ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى باشقۇرۇش مەركىزى گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنى يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسى قىلىپ، دىققەتنى بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى.
نېفىت تۇرۇبىسى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنىڭ بىرى. پات - پاتلا، بىر تۈركۈم بىراك قىلىنىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدىن يىغىپ كېلىنەتتى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىراك قىلىنىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىلىرى ئامبار رايونىدا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.
«بۇ نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ يەنە پايدىلىنىش قىممىتى بارمۇ؟» بىر كۈنى، گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىدىكى باشلامچى مۇتەخەسسىس لۈ چىڭگاڭ نېفىت تۇرۇبىسىغا تىكىلىپ تۇرۇپ ئويغا پاتتى. ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، لۈ چىڭگاڭ نېفىت تۇرۇبىلىرىنى بىراك قىلىش - قىلماسلىقىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، ئاساسلانغان كۆرسەتكۈچ بەك چىڭ بولسا، نېفىت تۇرۇبىلىرى كۆپلەپ بىراك قىلىنىپ، ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى؛ ئاساسلانغان كۆرسەتكۈچ بەك بوش بولۇپ قالسا، قۇدۇققا چۈشكەندىن كېيىن ئۈنۈمى يوقىلىش خەۋپى ئېشىپ كېتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ مېتىر نېفىت تۇرۇبىسى بىراك قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، تال بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 50 - 60 مىڭ تالغا يېتىدۇ. بىراك قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە پايدىلىنىش قىممىتى بار نېفىت تۇرۇبىلىرىنى تاللىۋالغىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.
ھالبۇكى، بۇ كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىنى قايتىدىن «ئويغىتىش» ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. بىرىنچىدىن، كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىنى بىراك قىلىش - قىلماسلىقتا بىرتۇتاش ئۆلچەم يوق؛ ئىككىنچىدىن، نېفىتلىكتىكى ئوخشاش بولمىغان رايون بۆلەكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ، نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىش تۈرى ۋە چىرىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى ئوخشاش بولمىغان رايون بۆلەكلىرىدە كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىدىكى نۇقسانلارنىڭ تۈرى، ئوخشاش بولمىغان قۇدۇقلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى شارائىتىدىكى نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ يۈكى، بېسىمى ۋە چىرىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ، كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىدىكى چىرىگەن تۆشۈكتىكى نۇقسانلارنى چەكلىك ئېلېمېنتلار بويىچە ئانالىز قىلىش مودېلى ياساپ، چىرىپ تېشىلىپ كەتكەن كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ قانچىلىك چىداملىق ئىكەنلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئۇسۇلىنى بېكىتتى. ئاندىن، ئەمەلىي جىسىمنىڭ سوزۇلۇشقا تاقابىل تۇرۇش، سىقىپ بۇزۇۋېتىشكە تاقابىل تۇرۇش، ئىچكى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش سىنىقى ئارقىلىق چەكلىك ئېلېمېنتلار بويىچە ئانالىز قىلىش مودېلىنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى؛ ماتېرىيال مېخانىكىسى بويىچە ئىقتىدارنى سىناش، ماتېرىيالنى مېتاللۇگرافىك ئانالىز قىلىش، چىرىگەن تۆشۈكنى ماكرو ۋە ئېنېرگىيە سىپېكتىرى بويىچە ئانالىز قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى، بۇنىڭغا ئاساسەن، 1 - دەرىجىلىك نېفىت تۇرۇبىسى، 2 - دەرىجىلىك نېفىت تۇرۇبىسى ۋە بىراك قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىلىرىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت كۆرسەتكۈچىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تېخنىكا ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ يىل 7 - ئايدا، TK869X قۇدۇقىنى رېمونت قىلىش نەق مەيدانىدا، يېڭىدىن جانلاندۇرۇلغان 320 دانە «ئالاھىدە» نېفىت تۇرۇبىسى قۇدۇققا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈلۈپ، 3072 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يەتكۈزۈلۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ۋەزىپە ئۆتەش»نى باشلىدى.
غەربىي شىمال نېفىتلىكى ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى تۇڭ لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: گاڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى شەكىللەندۈرگەن تېخنىكا ئۆلچىمى دۆلەت ئىچىدىكى چىرىگەن تۆشۈكنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كونا نېفىت تۇرۇبىلىرىنى 1 - دەرىجىلىك، 2 - دەرىجىلىك ۋە بىراك قىلىنغان نېفىت تۇرۇبىسى دەپ پەرقلەندۈرۈش يېڭى ئۆلچىمىنى بېكىتتى.
يېڭى ئۆلچەم بويىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى ئامبار رايونىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان 150 مىڭ تال نېفىت تۇرۇبىسىغا قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، 90 مىڭ تال نېفىت تۇرۇبىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك «جان كىرگۈزدى»، بۇ نېفىت تۇرۇبىلىرى ماشىنا بىلەن تارتىلىدىغان قۇدۇققا ئىشلىتىلىپ، بىۋاسىتە ياراتقان ئۈنۈمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.