تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

سىكاننېرلاپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، دۆلىتىمىزنىڭ بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىرى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

خىزمەت داۋامىدا مۇنۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:

ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ماس تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش. ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، شارائىتى بار رايون ۋە كەسىپلەرنى ئالدىن ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئىجادىي تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىخەتەر تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنىڭ، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، ھازىر بىلەن ئۇزاق مەزگىلنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسلىق نىشان: 2030 - يىلىغا بارغاندا، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئاساسلىق بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى قوللايدىغان سىياسەت ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش. 2035 - يىلىغا بارغاندا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسلىق بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش يولىغا كىرگۈزۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش چوققا قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنىڭ ماس تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تاشقاتما ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تاشقاتمىدىن باشقا ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

قاتناش - تىرانسپورتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش - تىرانسپورت قوراللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل پىلانلاش، قۇرۇش شەكلىنى يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىمارەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ئىستېمال ئەندىزىسىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تۇرمۇش شەكلىنى كېڭەيتىپ، يېشىل مەھسۇلات تەمىناتىنى زورايتىپ، يېشىل ئىستېمالنى پائال كېڭەيتىش كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش مالىيە - باج سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنى بېيىتىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سېلىنما مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش باھا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە يەنە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.