ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى، پىراكتىكانت ۋاڭ شىنيۈ) 8- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى يازلىق ساياھەت مەزگىلدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا، يېمەكلىكلەر ئاسانلا بۇزۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، شەخسىي تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
بۇ ئەسكەرتمىدە سىرتقا ئېلىپ چىقىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاش، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىدا تاللاپ غىزالىنىش، يېمەكلىكنى ئىلمىي تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىلدى.
سىرتقا ئېلىپ چىقىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاش جەھەتتە، ساياھەت جەريانىدا، ئىمكانقەدەر ھىم ئورالغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقىش، ئورالمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، يېمەكلىكلەرنى تېزدىن يەپ بولۇش كېرەك؛ سوغۇق ساقلانغان، توڭلىتىلغان ياكى نورمال ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا ئاسان سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئېلىش ياكى ئالماسلىق كېرەك، مەسىلەن، دورا- دەرمەك بىلەن پىشۇرۇلغان گۆش، قايماقلىق تورت قاتارلىقلار؛ سۇ سۈپىتى سەۋەبىدىن ئاشقازان- ئۈچەي بىئارام بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇنى ئىچىش، تۇرۇبا سۈيىنى بىۋاسىتە ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىنى تاللاپ غىزالىنىش جەھەتتە، كىنىشكىلىرى تولۇق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مىقدارلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەك- ئىچمەك ئورۇنلىرى (ئوچۇق چىراي ئاشخانىلار)نى تاللاپ غىزالىنىش ھەمدە مۇنتىزىم تالون ياكى ھۆججەت تەلەپ قىلىش كېرەك. تازىلىق شارائىتى ناچار، كىنىشكىسىز يوق يايما ئورۇنلىرىدا، يول بويىدىكى يايمىلاردا تاماق يېمەسلىك كېرەك.
يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي تاللاش جەھەتتە مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: كۆپچىلىك ئىمكانقەدەر خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بىنورماللىق ھېس قىلغان ۋە تولۇق پىشۇرۇلمىغان قورۇمىلارنى يېمەسلىكى كېرەك؛ دورا-دەرمەك بىلەن تەييارلانغان سوغۇق سەي، سوغۇق يېمەكلىكلەر، سەي پۇرچاق، ياۋا زەمبۇرۇغ قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش؛ «غەيرىي»، «ئوۋ گۆشى» قاتارلىق دائىم ئىستېمال قىلىنمايدىغان ۋە ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار ھەم ئىمونىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
يېمەك- ئىچمەكلەرنى مۇۋاپىق، ساغلام ئىستېمال قىلىش جەھەتتە، يېمەك- ئىچمەكنى تىزگىنلەش، تۇز ۋە ياغ ئاز بولۇش، گۆشلۈك بىلەن گۆشسىز تاماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، تەڭپۇڭ غىزالىنىش، سېللۇلوزا، ۋىتامىن مول بولغان يېڭى كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېنىك، ساغلام يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، زىيادە كۆپ يەپ- ئىچىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، يېمەك- ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش، كۆپ مىقداردا ئىسسىق يېمەكلىك، كالا- قوي گۆشىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەرھال توڭلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بايقالسا، ۋاقتىدا 12315كە تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلىپ، پاش قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئەسكەرتتى.