تۇنجى بىيوسىنتېز خىمىيەلىك خام ماتېرىيال دورىسى دۆلەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشتى
شىنجاڭنىڭ خاس تېببىي دورا كەسپى ئىجادىي تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئىلى چۇەننىڭ بىيو - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خىمىيەلىك خام ماتېرىيال دورىسى «شيۇڭچۈياڭدەنسۇەن»نى تەستىقلاپ تارقاتقان «خىمىيەلىك خام ماتېرىيال دورىسىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى»نى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى بىيوسىنتېز خىمىيەلىك خام ماتېرىيال دورىسىنىڭ دۆلەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
بىيوتېببىي دورا كەسپى شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىرى، بۇ تۈرنىڭ تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئېلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تېببىي دورا ئارىلىق ماددا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئاساسىي تېببىي دورا سانائەت مەھسۇلاتلىرى، خام ماتېرىيال يىرىك مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى خام ماتېرىيال دورىسىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق بۆسۈشنى تاماملىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«بۇ، شىركىتىمىز خىمىيەلىك خام دورا ماتېرىيالى بويىچە تەتقىق قىلىپ ئاچقان ھەم دورا بۇيۇمى يولى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان تۇنجى مەھسۇلات تۈرى.» بۇ شىركەتنىڭ سۈپەت باش نازارەتچىسى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھۈنەر - سەنئەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ مەھسۇلات تۈرى تەستىقلانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خام دورا ماتېرىيالى بويىچە سېتىپ، ئوخشاش بولمىغان ياسالما دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە باغلاپ ئىشلىتىشىگە تەمىنلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، شىركىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يىللىق سېتىش سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.
تەتقىق قىلىپ ئېچىش باسقۇچىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «شيۇڭچۈياڭدەنسۇەن»گە قارىتا پۈتۈن جەريانلىق ئەگىشىپ، ئالدىنقى باسقۇچتىلا ئارىلىشىش، مەخسۇس ئادەم ئەگىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تېخنىكا كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، كارخانا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا سىياسەت، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.
«يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، دورا بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا بۇيۇملىرى تەستىق ھۆججەت نومۇرىغا يېڭىدىن ئېرىشكەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىلغان دورىدىن بىر خىلى، خىمىيەلىك تەقلىدىي دورىدىن ئىككى خىلى، خام ماتېرىيال دورىدىن بىر خىلى، بىيولوگىيەلىك بۇيۇمدىن تۆت خىلى بار بولدى» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجادىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تېببىي دورا كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.
− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى مۇلازىمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆت تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، «ئىجازەتنى كەچۈرۈم قىلىش» بويىچە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، «ئالدىن ئارىلىشىش، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش، پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلىش، تەتقىق قىلىش بىلەن تەكشۈرۈش ھەمتۈرتكە بولۇش» مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛
− رايون خاراكتېرلىك خەلق ئىچىدە كەڭ ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىياللىرى ئۆلچىمىنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 11 كارخانىنى شاڭخەي مېيبوخۇي كۆرگەزمىسى، قازاقىستان داۋالاش ھەم ئېغىز بوشلۇقى خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قارىتىلغان خەلقئارا رويخەتكە ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە - پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ «شىنجاڭدىن چىقىشى، مەملىكەت سىرتىغا چىقىشى»غا كۈچ قوشتى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
«ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىمىز.