پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى
ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدى.
8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە بايان قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى يەنە غۇلجا شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكىلەشكەن سۆھبەتلىشىش، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.
«چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، كۆپ مەنپەئەتلەندىم.» ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ لېكتورى تالنۇر قايرۇللا لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى لېكسىيە دوكلاتى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشىم ۋە تەشۋىق قىلىشىم ئۈچۈن ناھايىتى ئۈنۈملۈك كونسۇلتاتسىيە بولدى. لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەينەن ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئەستايىدىل تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك شەكىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر> <ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى>گىچە يەتكۈزىمەن».
8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى.
«لېكسىيە دوكلاتىدا ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، ھەم جانلىق مىساللار بار ئىكەن، ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تەربىيەگە ئىگە بولدۇق، ناھايىتى ئىلھاملاندۇق.» قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فەن چىيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قاراماينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمەن.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ جۈن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. ئۇ لېكسىيەدە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. دوكلات يىغىنىدىن كېيىن، جېڭ جۈن يەنە ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيەنى قانات يايدۇردى.
«ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىمىز.» سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۈ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىمىز.
(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما چېڭلۇ، گۇەن شياڭرۇڭ، زو شياۋيۈ)