تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدا ۋەيمەي يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىدىكى توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچتە، لىق كۆمۈر قاچىلانغان 86463 قېتىملىق يۈك پويىزىنىڭ شىخەنزە ۋوگزالىغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 جۈپكە يېتىپ، دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يۈك پويىزىنىڭ «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دە قاتنىشى شىنجاڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئەندىزىسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش ئىكەن.

«يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى − كارخانا مال ئىگىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش بېكىتى مۇقىم بولۇش، يۈرۈش لىنىيەسى مۇقىم بولۇش، پويىز قېتىم سانى مۇقىم بولۇش، بېرىش ـ كېلىش ۋاقتى مۇقىم بولۇش قاتارلىق «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»نى قوللىنىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونى بىلەن تۆۋەن ھالقىدىكى كارخانىلار ئارىسىدا قاتنايدىغان كۆمۈر ئايلانما پويىزىنى كۆرسىتىدۇ.

«خېرىدارلار زاكاز بېرىدۇ، نۆۋەتچى پويىز ۋاقىت توشسىلا قاتنايدۇ، خۇددى ۋەيمەي يەتكۈزۈپ بەرگەندەك مالنى مۇقىم ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جيەن. يۈك توشۇش پويىزىنى «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دە قاتنىتىش ئارقىلىق، پويىز قاتناش خەرىتىسىدىن يۈرۈش لىنىيەسى، ئۆتەڭ ۋوگزال، قوزغىلىش ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتى، پويىز قېتىم سانى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرگىلى، نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ مۇقىم تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

7 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئاشتى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شۇ ئايلىق يۈك توشۇش مىقدارى 20 مىليون 877 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.24 ئاشتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى تېز، دەل ۋاقتىدا، مۇقىم بولغان تىرانسپورت كۈچى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، 7 ـ ئايدا «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزىنى يولغا سالدى.

«يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى شەرقىي جۇڭغار، كۇچا، بايدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدۇ، دائىملىق قاتنىغاندىن كېيىن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 78 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇيدىغان بولۇپ، شىخەنزە، سانجى، كۈيتۈن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى كۆمۈر تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرالايدۇ.

«يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزىنىڭ قاتنىشى رايونلار ئارىسىدىكى جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

«يېقىنقى مەزگىلدە ھەركۈنى كېلىدىغان كۆمۈر پويىزى بىردىن ئارتۇق بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يازلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.» شۈجوۋ كان ئىشلىرى (گۇرۇھ) شىنجاڭ تىيانشان كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقسۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر شۆبە شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئامبار زاپىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، ساقلانغان كۆمۈرنىڭ خورىشى سەل تۆۋەنلەيدۇ، ئامباردا ساقلاش تەننەرخى ئازىيىدۇ.

7 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى، «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۇنجى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت مەخسۇس پويىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا سالدى، بۇ قېتىم «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزىدا دائىملىق قاتناشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى شىنجاڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«كېيىنكى مەزگىلدە ئېھتىياجغا ئاساسەن، <يولۇچىلار پويىزى شەكلى>دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزىنىڭ قاتناش دائىرىسىنى جانلىق كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز» دېدى خۇاڭ جيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.