تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈچ ئادەم سەپەرداش بولۇپ، بېيىش يولىدا شاد - خۇراملىققا چۆمدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەندە، لى لېيشېڭنىڭ ئۈزۈمزارلىقنى سۇغىرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەمەتجان ئابدۇرېشىت سايمانلارنى ئېلىپ ياردەمگە باردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولمايلا، ۋاڭ چېڭدىن ئۇلارنى چۈشتە ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغان تېلېفون كەلدى.

لى لېيشېڭ بۇ يىل 51 ياش، مەمەتجان بىلەن ۋاڭ چېڭ ئىككىلىسى 49 ياش. بۇ ئۈچەيلەن بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئادەتتە بىر - بىرىنى ئاكام، ئۇكام، دەپ چاقىرىشىدۇ، كەنتتىكىلەر بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ، كىمنىڭ ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ.

«گەرچە ئۈچىمىزنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىمىزدىكى ئوي - پىكىر بىلەن تۇرمۇشتا تۇتقان يولىمىز بىردەك. مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقساق، بىر - بىرىمىزگە قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىمىز. بىز بىر مەقسەتتە ئويلاپ، تەڭ كۈچ چىقارغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، بۇ يىللاردا سودىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى.» مەمەتجان مۇنداق دېدى: مەن بۇ نەچچە يىلدا ئازدۇر - كۆپتۇر پۇل تاپتىم، بۇ لى لېيشېڭنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىككىمىز ئارىسىدىكى ھېسسىيات ھەم ئۇستاز - شاگىرتتەك، ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك.

لى لېيشېڭ كەنتتە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ تېرىلغۇ يەرلەرگە ئۇرۇق سالغاندىن باشقا، قىشتىكى بوش ۋاقىتلىرىدا، كەپشەرلەش ۋە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ پۇل تېپىپ، بىر يىلدا 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەمەتجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى ئەتىيازدا، بازار ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، سېتىۋالغان قوي يۇڭىنىڭ ھەممىسى ئۆيدە بېسىلىپ قېلىپ ساتالمىدىم، كەيپىياتىممۇ ناھايىتى ياخشى بولمىدى. بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ دېگەندەك، ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقىنىمدا، ئاپتوموبىلىممۇ سوقۇلۇپ كەتتى. ئاپتوموبىلىمنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن لى لېيشېڭنى ئىزدەپ كەلدىم، ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن، لى لېيشېڭ رېمونت ھەققى ئالمايلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا پۇل قەرز بېرىپ، مېنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە، ئەگەر سودامنى داۋاملاشتۇرالمىسام، ھەر ۋاقىت كېلىپ كەپشەرلەش ياكى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى.

كىشىلىك ھاياتىدىكى ئۈمىدسىزلىككە تولغان مەزگىللەردە تۇرۇۋاتقان مەمەتجان بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، دەرھال لى لېيشېڭنى ئۇستاز تۇتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى سودا ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا، ئۇ لى لېيشېڭغا دەردىنى تۆكىدىغان بولدى. بىر يىلدىن كېيىن، مەمەتجان قەرزنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە خېلى پۇل تاپتى.

2018 - يىلى، مەمەتجان بازاردا دۇكان سالماقچى بولۇپ يەنە لى لېيشېڭدىن 500 مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. «لى ئاكام ئۆسۈم ئالمايدۇ، ماڭا قەرز ھۆججىتى يازغۇزمايدۇ، ئۆز قېرىندىشىدەك ئىشىنىدۇ.» مەمەتجان مۇنداق دېدى: لى لېيشېڭنىڭ ياردىمى بولغاچقا، ئىشەنچىم زور دەرىجىدە ئاشتى، بارغانسېرى غەيرەتكە كەلدىم. ئىككى يىلدىن كېيىن، مەن يەنە باقمىچى ۋاڭ چېڭ بىلەن شېرىكلىشىپ سودا قىلدى.

«مەمەتجان جاپاغا چىدايدۇ، ئىش قىلغاندا لەۋزىدە تۇرىدۇ.» ۋاڭ چېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچەيلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە ۋاقىتنى كېلىشىپ يىغىلىپ، سودا، ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدىكەن، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئۇچرىسا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدىكەن، ئوبوروت مەبلىغى يېتىشمىسە ئۆزئارا قەرز بېرىپ تۇرىدىكەن.

«مەمەتجاننىڭ مىجەزى سەل ئالدىراقسان، لى ئاكامنىڭ مىجەزى ئىنتايىن سالماق، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزگە پۇل قەرز بېرىپلا قالماي، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز زىددىيەتلىشىپ قالساق، سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىدۇ.» مەمەتجاننىڭ خوتۇنى ماھىنۇر غوپۇر مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كەتتۇق، چوڭلار دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ يىغىلىپ تۇرىمىز، بالىلارمۇ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتىدۇ.

ئالدىنقى ھەپتە، ئىگە - چاقىسىز بوۋاي تۇرسۇن ئۆمەرنىڭ مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى، لى لېيشېڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەمەتجان بىلەن دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، بوۋاي ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ چېڭ يەنە خوتۇنىنى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن يەنە بوۋايغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ خەيفۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ ئاكا - ئۇكا ناھايىتى ئىتتىپاق ئۆتىدۇ، ھەممىسى كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى. 2021 - يىلى، ئۇلار كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدىن پۇل توپلاپ كۈرەكلىك ئاپتوموبىل ۋە قاچىلاش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى. بۇلتۇر، ئۈچەيلەن يەنە 120 مىڭ يۈەن نەق پۇل توپلاپ، يول بويىغا مەنزىرە كۆچىتى تىكتى. «كەنتتە كىمنىڭ ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلار بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ھەر يىلى ئادەم ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، يەنە 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى».

بۇ يىل، مەمەتجان ئىگىلىگەن كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تىۋىت شىركىتىگە مەبلەغ سالدى، لى لېيشېڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ توختامنى كۆرۈپ بەردى، ۋاڭ چېڭ ئىشچىلارنى تېپىپ بېزىدى، ھەممە ئادەم ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «قىيىنچىلىق قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىمىز، بىرىمىز ئەقىل كۆرسىتىمىز، بىرىمىز ئامال تاپىمىز، كۈنلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» مەمەتجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، كەنت قىياپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، پۇقرالارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇممۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۈچەيلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.