تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

​ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ياخشى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى باشلامچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «1 - سەپ»تە ياخشى مېڭىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، مۇلازىمەت قىلىشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان» بەرپا قىلىش بويىچە 40 ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتى تەقدىرلەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 25 شۆبە كۇتۇپخانىسىغا ۋىۋىسكا بېرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق بەش ئورۇندىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.