تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى! كورلا نەشپۈتىنىڭ بىر ماركىسى شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ كورلا نەشپۈت كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «كۆنچى ۋادىسى» تاۋار ماركىسىدىكى ئالاھىدە دەرىجىلىك كورلا نەشپۈتى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، بۇ، كورلا نەشپۈتىنىڭ شياڭگاڭ، ھەتتا خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بازارغا كىرىش «يول خېتى»گە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئىلگىرى، نۇرغۇن تەمىنلەش سودىگىرى شياڭگاڭ بازىرىنى ئېچىشىمىزغا ياردەملەشمەكچى بولغانىدى، لېكىن ئېتىراپنامە بولمىغاچقا، كورلا نەشپۈتى ئىزچىل شياڭگاڭ، ئاۋمېن بازارلىرىغا كىرەلمىگەنىدى.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى گاۋ يۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش - ئىسپات بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ نەشپۈت كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، بۇ، «كۆنچى ۋادىسى» داڭلىق ماركىسىنىڭ خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا كورلا نەشپۈتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۈپەت ئوبرازىنى قايتا يارىتىدۇ.

شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغىسى بولسا شياڭگاڭ ئۆلچەم ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى (STC) ئۆزلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن داڭلىق ماركىلارغا تارقىتىدىغان ئېتىراپنامە. بۇ مەركەز شياڭگاڭدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق بولغان مەھسۇلات تەكشۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇستەقىل، كەسپىي، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ يولغا قويغان ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپى خەلقئارا بازار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولغان مەھسۇلات سۈپىتى ئېتىراپلىرىنىڭ بىرى، ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە بولغان ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كەسىپ ياردەم پۇلى، مۇھىت ئۆلچىمى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەملەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئاشكارا، مۇقىم، مۆلچەرلىنىشچان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. «خەلقئارا ئۆلچەمگە يېقىندىن توغرىلىنىش ئارقىلىق، بىز ئاندىن خەلقئارا بازارنىڭ ئېھتىياجى ۋە قائىدىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دېدى شىنجاڭ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش - ئىسپات بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى يەن.

بۇ يىل 6 - ئايدا، شياڭگاڭ ئۆلچەم ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى (STC) ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ قۇرغان شىنجاڭ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش - ئىسپات بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، مەۋقە شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە قويۇلۇپ، ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغىسى قاتارلىق ئېتىراپ قىلىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كارخانىلار شىنجاڭدىن چىقمايلا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان نوپۇزلۇق ئېتىراپقا ئېرىشەلەيدىغان بولدى.

شىنجاڭ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش - ئىسپات بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى كورلا نەشپۈتى شىركىتىنىڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، بۇ شىركەت بىلەن كارخانا ئۆلچىمىگە تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى تۈرلەرنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى دەرىجىگە ئايرىش، سۈپىتىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، خەلقئارا بازاردىكى سۈپەتنى كونترول قىلىش ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىركەتنىڭ شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپىغا ئېرىشىشتىكى ماقۇللىنىش نىسبىتىنى ئاشۇردى.

60 مىڭ مودىن ئاشىدىغان «كۆنچى ۋادىسى» تاۋار ماركىسىدىكى كورلا نەشپۈتىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، لى يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز كورلا نەشپۈتى شىركىتىنىڭ شياڭگاڭ ئۆلچەم ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى (STC) ئۆتكۈزگەن مەخسۇس مەيدان كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «كۆنچى ۋادىسى» ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ھەمدە خەلقئارادىكى بازارنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىمىز.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش - ئىسپات بېرىش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن كارخانىنىڭ «قەغەز ياڭاق» «يېشىل قۇرۇق ئۈزۈم» «ئونسۇ گۈرۈچى» قاتارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق يەككە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئېتىراپىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن سىجىل كۈچىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.