بۇ يىل بىڭتۇەن «قاتناش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، يېزا قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى پائال، پۇختا كېڭەيتىپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن 447 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساشنى، 500 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئاسراشنى، 640 كىلومېتىر كەنت يولىدا ھاياتىي بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى، نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ تەبىئىي كەنت(گۇرۇپپا)لەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولدىن 10نى، يېزا-بازارلارغا 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيولدىن ئالتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، بىڭتۇەن يېزا تاشيولىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىگە (ئۆزلىرى مەبلەغ جۇغلاپ قۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا تاشيول تورىنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
ھازىر، ليەندۈيلەرنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلارنى تۇتاشتۇرىدىغان يېزا تاشيول قاتناش تورى بىڭتۇەندە شەكىللەندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر بىڭتۇەننىڭ يېزا تاشيول مۇساپىسى 30 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشقان، دەرىجىلىك يول نىسبىتى %77.2كە يەتكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى