شىنجاڭدىكى ئىككى جاي سىگنالنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى
يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا كىرسىلا «ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش» باش ئاغرىقى ھەل قىلىندى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
سىز يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا كىرسىڭىزلا «ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش»، لىفىتقا چىقسىڭىزلا «تور ئۈزۈلۈپ قېلىش»تەك «خەۋەرلىشىشتىكى قاراڭغۇ رايون»غا كىرىپ قېلىش باش ئاغرىقىغا دۇچ كەلگەنمۇ؟ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەۋەرلىشىش جەھەتتىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھازىر «سىگنالنى كۈچەيتىش . تىيانشاننى رەقەملىك تۇتاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىفىت ھەم ئاممىۋى يەر ئاستى بوشلۇقىدا سىگنالنى كۈچەيتىشنى مەخسۇس نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى جاي ھازىر تۇرالغۇ رايونى ھەم تۇرالغۇ ئىمارەتلىرى، نۇقتىلىق سودا ساراي، تاللا بازار، سودا بىنالىرى ھەم مېھمانساراي، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى لىفىت ھەم يەر ئاستى بوشلۇقى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان «خەۋەرلىشىشتىكى قاراڭغۇ رايون»نى چۆرىدەپ، نىشانلىق كۈچەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن قاپلىنىش ۋە كەسپىي مۇلازىمەت سۈپىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ تەسىراتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايەتلىك، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى ۋە تېيتا شىركىتىنى تەشكىللەپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى. خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي 2350 لىفىت، 120 ئاممىۋى يەر ئاستى بوشلۇقىنى بىرمۇبىر تەكشۈردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 39 مىڭ 52 لىفىت، 953 ئاممىۋى يەر ئاستى بوشلۇقىنى بىرمۇبىر تەكشۈردى.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، بۇ يەرنىڭ باشقا يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقى، بۇ يەردە يان تېلېفون سىگنالىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «ئىلگىرى خېرىدارلار ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىگەندە يان تېلېفون قېتىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلەتتى، ھازىر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ» دېدى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاللا بازارنىڭ يىلى كالا سۈتى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ مال سېتىۋېلىشقا يېتەكلىگۈچىسى چاڭ چىڭ.
«بۇ يىل 7 - ئايدا، بىز <ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش> پىرىنسىپىغا ئاساسەن، لىفىت ۋە يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېڭىدىن ئۆي ئىچى تەقسىملەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئۈچ كىلومېتىردىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش كابېلى ياتقۇزۇپ، 300دىن ئارتۇق ئانتېننا سەپلىدۇق، ھازىر ئۈچ خەۋەرلىشىش تىجارەت كارخانىسىنىڭ سىگنالى بۇ يەرنى بىردەك قاپلىدى» دېدى جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەسۇر جاپپار. بۇ قېتىمقى مەخسۇس نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەرىكىتىدە، تيېتا شىركىتى خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى لى يۈنفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 286دىن ئارتۇق ئاممىۋى يەر ئاستى بوشلۇقىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن چوڭقۇر قاپلاشنى تاماملاپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلاردىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا، ئورۇنلارنى ئالاقىدار قاپلاش ئۆلچىمى تەلىپىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 7024 لىفىتنى كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا يولى جۇڭخەي ۋەنجىن گۇڭگۇەندە ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى سەي مىڭ ئولتۇراق رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىگنالنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئالقىشلاپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا سىگنال بەزىدە بار، بەزىدە يوق ئىدى، ھازىر ناھايىتى مۇقىم».
«لىفىت ۋە ئاممىۋى يەر ئاستى بوشلۇقى سىگنال بىلەن چوڭقۇر قاپلىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنىڭ سىگنالىنى كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئاشتى» دېدى لى يۈنفېي.
چوڭلۇقى خاتىرە كومپيۇتېرچىلىكمۇ كەلمەيدىغان قارا قۇتىغا يېقىن، يىراق ئۇچتىكى ئۈسكۈنىلەردىن تەركىب تاپقان سىمسىز بىۋاسىتە تارقىتىش پونكىتى تېخنىكىسى قوشۇلۇپ، نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەخسۇس نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەرىكىتىدە قوللىنىلماقتا.
«بۇ خىل تېخنىكا ئادەم ئېقىمى ئاز، تۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولغان لىفىت ۋە يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا ماس كېلىدۇ، ئادەم ئېقىمى كۆپ بولغان جايلارغا ماس كېلىدىغان ئۆي ئىچى تەقسىملەش سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن» دېدى جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى خوتەن شۆبە شىركىتى خەۋەرلىشىش تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جۈن.
نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى 526 لىفىت، 44 يەر ئاستى بوشلۇقىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى ۋە ئەلالاشتۇردى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا: زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ خەۋەرلىشىش كەسپى «سىگنالنى كۈچەيتىش. تىيانشاننى رەقەملىك تۇتاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتى ھەم «كەڭ بەلباغلىق چېگرا رايون» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ قاپلاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، 5G تورى قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىشىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تور ئاساسىي تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىدارىمىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئاكتىپ رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.