تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇش كەسپى ئەمەلىيلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: «<بىر تالون تۈزۈمى> چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلدى» دېدى شىنجاڭ خۇيچېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى زېدۇڭ خۇشال ھالدا. يېقىندا، ئۇ تۇرۇشلۇق شىركەت «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇش كەسپى ئارقىلىق، 33 توننا پولات ماتېرىيالى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قامدىدى. بۇ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇش كەسپى ھېسابلىنىدۇ.

«بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونى قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى تىجارەت چەكلىك شىركىتى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمزا قويۇپ تارقاتقان كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تالونى بولۇپ، «ئىچكى قۇرۇقلۇق − مەملىكەت سىرتىدىكى مەنزىلگاھ» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت پۈتۈن يولىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ شىركەت رايون ـ بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تۆۋەن قاتلام سۇپىسىدا «قۇرۇقلۇق، دېڭىز زەنجىرى» رەقەملىك مال ئېلىش تالونى سۇپىسىنى تورغا چىقىرىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى مال ئېلىش تالونىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئوبوروت قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

مال ئېلىش تالونىنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يول قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى تىجارىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى شىنجاڭ شىركىتى» دېيىلدى) ئۈرۈمچى بانكىسى بىلەن بىرلىكتە «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى ئورتاق ھالدا ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەندىزىدە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان كارخانىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى شىنجاڭ شىركىتى ئىمزا قويۇپ كارخانىغا تارقىتىپ بەرگەن «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى بانكىغا تەمىنلەپ، بۇنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ، ئۈرۈمچى بانكىسى يەنە «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىغا ئاساسەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان كارخانىنىڭ مال ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللايدۇ.

7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى شىنجاڭ شىركىتى، ئۈرۈمچى بانكىسى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ بىرلىكتە ماسلىشىشىدا، ئۈرۈمچى بانكىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ خۇيچېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە 155 مىڭ 100 يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى. شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇش كەسپى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتى.

قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ يۈنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ خىل كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، خېرىدارلار رەقەملىك مال ئېلىش تالونى سۇپىسىدا تەكشۈرۈش، سۈرۈشتۈرۈش، ئوبوروت مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ، پۈتۈن جەريان يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، ئىشەنچلىك بولۇپ، قەغەز مال ئېلىش تالونىنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۈرۈمچى بانكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ كەسىپنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئاساس سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ ساقلانما قەرزنى جانلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كېيىنكى باسقۇچتا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى شىنجاڭ شىركىتى خېرىدارلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى، تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كەسپىنى بۇ ئىجادىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنىڭ نەرسە ھوقۇقى ھەم پۇل مۇئامىلە خاسلىقى جەھەتتىكى كېڭىيىشى ھەم ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.