«14-بەش يىل» مەزگىلىدە 441 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تاماملىنىدۇ
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىڭتۇەن 12-شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئىشچىلار خىش ياتقۇزماقتا. بۇ تۈرگە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ بېشىدا ئۆزگەرتىش تاماملىنىپ، 4000دىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
شياڭ لاڭ، چېن كې فوتوسى
ئۈرۈمچى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چيۇڭ، پىراكتىكانت جاڭ شۆنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) كونا بىناغا «ئىسسىق ساقلاش كىيىمى» كىيدۈرۈلدى، كارىدورلار ئاقارتىلىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى، دەنيۈەنلەرنىڭ بۇزۇلغان ئىشىكلىرى «بىخەتەرلىك ئىشىكى»گە ئالماشتۇرۇلدى... ھازىر 5-شى بورتالا شەھەر رايونى فۇكاڭ ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. «ئولتۇراق رايوننىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، ئاھالىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان پار ئىسسىماسلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، بەك ياخشى بولدى!» دېدى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى فۇكاڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما شىرۇڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.
فۇكاڭ ئولتۇراق رايونى 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىراپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىدى. بۇ يىل 5-ئايدا، بۇ ئولتۇراق رايوننى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، بىنانىڭ سىرتقى تىك يۈزىنى ئۆزگەرتىش، يولنى رېمونت قىلىش، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ يولغا قويۇلدى، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.
شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەم خەلق رايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل، بىڭتۇەن ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى 162 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلىدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىش باشلاپ 45 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتتى.
لىفىت ئورنىتىش ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرىدىكى ئۆزگەرتىش تۈرى، بۇ يىل بىڭتۇەن شەھەر-بازارلاردىكى تۇرالغۇلارغا لىفىت ئورنىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، كونا ئولتۇراق رايونلارغا 100 لىفىت ئورنىتىشنى پىلانلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، بىڭتۇەن 6 مىليارد 920 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 441 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى تاماملاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ 5927 بىناغا، 12 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات مېتىر تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمىگە چېتىلىدىكەن، 148 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى