تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

خارۋارد داشۆسىنىڭ يېڭى تەتقىقاتى: بۇ 19 خىل يېمەكلىكنى مۇنداق يېگەندە، ماددا ئالمىشىش ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

    يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋە تەڭپۇڭ غىزالىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىمىزنى بېيىتىپ، تويۇش تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بىزنى ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى قاتارلىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

    تەبىئەت دۇنياسىدا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئوخشاش بولمىغان مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ساغلاملىققا بولغان رولىدا پەرق بولىدۇ، زادى قايسىلىرىنىڭ ساغلاملىققا قوشىدىغان تۆھپىسى تېخىمۇ چوڭ؟ قانداق قىلىپ ئىلمىي يېگەندە ئاندىن ئۇنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ ماقالە ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىدۇ.

يېڭى تەتقىقات: بۇ 19 خىل سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ

     يەر شارى نوپۇسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆزلىمە ئۆمۈر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىراق، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كېسەللىك يۈكى بولۇپ قالدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلىدى ھەمدە ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، 190 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولدى، 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاھالىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25كە، قاندا ماي بىنورمال بولۇش نىسبىتى %40كە يەتتى.
    سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېمەك-ئىچمەكتە يېتەرلىك مىقداردا يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ھالقا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

   2024-يىلى 5-ئايدا، خارۋارد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق» ژۇرنىلىدا بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، 19 خىل «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەر»نى باھالاپ چىقىپ، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىشنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى.

    تەتقىقاتقا 42 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، زىيارەت قىلىش ۋاقتى 32 يىلدىن قىسقا ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان. 14 خىل بىئولوگىيەلىك بەلگە ماددا (قان شېكىرى/ئىنسۇلىن، ياللۇغ كۆرسەتكۈچى، ئىچكى تېرە ئىقتىدارى، ياغ فاكتورى، ياغ ماددىسى قاتارلىق بەش تۈر) بىلەن ھەر بىر خىل كۆكتات/مېۋە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان.
    ئەگەر قاتناشقۇچىلار ھەر كۈنى بىر كىشىلىك كۆكتات، مېۋە-چىۋە قوبۇل قىلىپ، مەلۇم تۈردىكى بىئولوگىيەلىك بەلگە ماددىسىنى ياخشىلىسا (قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتسە ياكى ئۆرلەتسە)، بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ؛ كېيىن ھەر بىر خىل يېمەكلىكنىڭ بەش خىل بىئولوگىيەلىك بەلگە ماددىسى گۇرۇپپىسىدا ئېرىشكەن نومۇرىنى قوشقاندا، ئومۇمىي نومۇرى 2 بولغان ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كۆكتات، مېۋە-چىۋە «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋە» ھېسابلىنىدۇ.

    نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 52 خىل كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە ئىچىدە 19 خىلى «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار:

   5-گۇرۇپپا: ئالما/نەشپۈت
   4-گۇرۇپپا
: شېڭسەي، پالەك، بېدە ئۈندۈرمىسى، پىدىگەن، سەي كاۋىسى، ئۈزۈم، قۇرۇق ئۈزۈم، چېچەكسەي، چىڭسەي، يۈيى گەنلەن، كۆك لازا، قىزىل لازا

   3-گۇرۇپپا: خام سەۋزە، خۇايېسەي، ئوسۇڭ ياكى يوپۇرماقلىق ئوسۇڭ
   2-گۇرۇپپا: لەنمېي، ئۈزۈم ئاپېلسىن، ئاپېلسىن، شىمېي، موگۇ، شاڭجو

  بۇ يېمەك-ئىچمەكتىكى «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋە»نىڭ قوبۇل قىلىنىشى قانچە كۆپ بولسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كالىي، ماگنىي، β ـ كاروتىن، فلاۋون ۋە يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، تۈرلۈك قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋە»دىن باشقا، ئومۇمىي نومۇرى 2 نومۇردىن تۆۋەن، ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالمىغىنى بولسا «ئوتتۇرا، تۆۋەن مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋە»

   2-گۇرۇپپىدىن تۆۋىنىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەر: ئې لى، خاڭگا، شوخلا، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئالۇچا، ساۋمېي، مېۋە شەربىتى، كۆك پۇرچاق، پىچەكگۈل، تاتلىقياڭيۇ، قاقلانغان ياڭيۇ، ياڭيۇ بوتقىسى، پىشۇرۇلغان ياڭيۇ، چىلىغان سەي، كاۋا، شياڭگۇا، مېۋە كونسېرۋاسى قاتارلىقلار.
   
ئوتتۇرا، تۆۋەن مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىش كېرەك، ئەگەر زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولمايدۇ، ھەتتا دىيابېت كېسەللىك خەتىرىنى %13 ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
    بۇ تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكتە «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋە»نى كۆپرەك تاللاش كېرەك. ئوتتۇرا، تۆۋەن
مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىمۇ يېيىش كېرەك، پەقەت مۇۋاپىق مىقداردىلا يېسەك بولىدۇ.  

كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى ئاز يېيىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

    گەرچە مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دائىم مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا سەل قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.
    تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئالدىنقى ئون چوڭ خەتەرلىك ئامىلنىڭ بىرى ئىكەن. دائىم مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتنى ئاز يېيىش سالامەتلىككە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

1

قەۋزىيەت خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىدۇ

    كۆكتات، مېۋە-چىۋە يېمەك-ئىچمەكتىكى يېمەكلىك تالاسىنى تولۇقلاشنىڭ مۇھىم مەنبەسى، يېمەكلىك تالاسىدىكى ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى سۇ سۈمۈرۈپ كۆپىدۇ، بۇ چوڭ تەرەت يۇمشاق، كۆپ بولۇشىغا پايدىلىق؛ ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكىتىنى غىدىقلاپ، چوڭ تەرەتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   يېمەك-ئىچمەكتە ئەگەر مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات بەك ئاز ئىستېمال قىلىنسا، يېمەكلىك تالاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


2
ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ

    مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە تويۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىشتىھانى كونترول قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى نۇرغۇن يېمەكلىك تۈرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر تۆۋەن، ئەگەر يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدا كۆكتات، مېۋىلەرنى ئاز يېگەندە، مۇقەررەر ھالدا باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدۇ، تاماق يېگەندە ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

    مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

3
بەدەندىكى ياللۇغقا بولغان ئىنكاسنى ئاشۇرىدۇ

    بەدىنىمىزدە مەلۇم باسقۇچتا بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى قاتارلىق تەركىبلەر ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغقا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئادەتتە مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئاز يېگەندە، بەدەندە ياللۇغ پەيدا بولىدۇ.

4
راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ

     مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئاز يېگەندە، بەدەندىكى ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بەدەندە داۋاملىشىۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتكەندە ئۆپكە راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتكەندە ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

5
يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

    مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق يېمەك-ئىچمەك خەۋپ-خەتەر ئامىلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ قاناش خاراكتېرلىك مېڭە سەكتىسى ۋە قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسىنىڭ بىرىنچى چوڭ تاماق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرغاندا يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.


مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى مۇنداق يېگەندە،
كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ

1
يېيىشتىكى تەۋسىيە مىقدار

      «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى» دە ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈنىگە 500 ~ 300 گىرام كۆكتات، 350 ~ 200 گىرام مېۋە-چېۋە يېيىشى تەۋسىيە قىلىنغان. ئەڭ ياخشىسى ھەر ۋاقلىق تاماقتا كۆكتات بولۇش، ھەر كۈنى مېۋە يېيىش كېرەك. ھەر قېتىملىق تاماقتا كۆكتاتنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ پۈتۈن تاماق ئېغىرلىقىنىڭ 1/2 ىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئەگەر تەخسە ئىشلىتىلسە، كۆكتات پۈتۈن تەخسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
     مېۋىگە كەلسەك، 200 گىرام مېۋە تۆۋەندىكى خالىغان بىر خىل مېۋىنىڭ مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ: ئىككى دانە مايمۇن شاپتۇلى، ئىككى دانە ئاپېلسىن، 15 دانە چوڭ بۆلجۈرگەن، 20 دانە چېلىزى، 8 ~ 10 دانە شىمېي، 2 ~ 3 دانە لەنمېي.

2
ھەر خىل رەڭدە بولۇش

     مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات تاللاشتا «ئۈژمەكۆڭۈل» بولۇش، ھەرخىل رەڭنى تاللاش، قېنىق رەڭلىك مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك تاللاش كېرەك. قېنىق رەڭلىك يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار كۆكتات ئېغىرلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى، قېنىق قىزىل، قېنىق سېرىق، قېنىق يېشىل ۋە سۆسۈن رەڭلىك كۆكتاتلارنى ئادەتتە كۆپرەك يېيىش كېرەك، ئۇلار ئوزۇقلۇق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، تەركىبىدە β - كاروتېن، سىئانىدىن، لىكوپېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولىدۇ.



3
قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش

    مېۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە يېيىش، پوستى بىلەنلا يېگىلى بولىدىغان مېۋىلەرنىڭ پوستىنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك.
    كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى سورت، ئىشلەپچىقىرىلغان جاي، پەسىل قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، يەنە پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تېخىمۇ كۆپ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىمكانقەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇش، مەسىلەن، ھوردا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش، سوغۇق ئىلەشتۈرۈش كېرەك، پىشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئاۋۋال يۇيۇپ ئاندىن توغراش، شورپا قاينىغاندا كۆكتاتنى سېلىش، تېز ئوتتا تېز قورۇش، قورۇپ بولۇپلا يېيىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
    ئۇنىڭدىن باشقا، قورۇما قورۇش ئۇسۇلىمۇ كۆكتاتنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان خارۋارد داشۆسىنىڭ بۇ تەتقىقاتىدا، سەۋزىنى خام يېگەندە ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ «يۇقىرى مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتات» ھېسابلىنىدۇ، سەۋزىنى قاينىتىپ پىشۇرغاندا ۋە سەۋزە شەربىتى ئىچكەندە بىر نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ تۆۋەن مېتابولىزملىق سۈپەتتىكى كۆكتاتقا تەۋە. ياغدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى تېخىمۇ ناچار بولغان يۈرەك مېتابولىزم ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، بولۇپمۇ يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلى ۋە ياللۇغلىنىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.

خۇلاسە

    خارۋارد داشۆسى يېڭىدىن باھالىغان «مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات تىزىملىكى» بىزنى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى تاللاش ۋە ساغلام يېيىش پايدىلىنىش كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە بىز مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ھەم كۆپ خىل تاللاپ، مۇۋاپىق پىشۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.