تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قارا يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئاپتوموبىلنى قانداق قىلغاندا بىخەتەر ھەيدىگىلى بولىدۇ

ئالدى تەرەپتىكى يولدا سۇ يىغىلىپ قالغاچقا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىدىكى شەرقىي 4-ئايلانما ئاسما كۆۋرۈكىدە ئاپتوموبىللار ئاستا ماڭماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شياڭ فوتوسى

     يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قارا يامغۇر ياغدى. قاتتىق يامغۇر دەريا سۈيىنىڭ يولغا تېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بىز قانداق قىلغاندا ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەيمىز؟
    گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ كېچىپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن شوپۇرلارنىڭ سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆزىتىشىنى ئەسكەرتتى. ئەگەر سۇ ئورنى ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىك لىمى ياكى بالوننىڭ 3/2 قىسمىغا يەتسە، سۇ كېچىپ مېڭىش خەتەرلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، شوپۇر ئامال بار ئايلىنىپ مېڭىشى، مەجبۇرىي ئۆتمەسلىكى كېرەك.
    بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىلنى تۆۋەن خوتتا تەكشى سۈرئەتتە ھەيدەش كېرەك. ئاپتوموبىل سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، سۇدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىل شۇنچە مۇقىم بولماي، سۇ شۇنچە چاچراپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا يىغىلىپ قالغان سۇ ئاسانلا ماتور بۆلمىسى، ھاۋا كىرىش ئېغىزى ياكى ھاۋا چىقىرىش ئېغىزىغا كىرىپ كېتىدۇ.
   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سۇ كەچكەندە يېرىم يولدا ئاپتوموبىلنى توختاتماسلىق، خوت ئالماشتۇرماسلىق ياكى ماي تەپكىسىنى بوشىتىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا يول يۈزىگە يىغىلىپ قالغان سۇ ئاسانلا ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا كىرىپ كېتىپ، موتورنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل سۇ كېچىپ كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوتى ئۆچۈپ قالسا، شوپۇر ئاپتوموبىلنى قايتا قوزغىتىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. شوپۇر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ سۇ بېسىپ كەتكەن يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، چوڭ ئاپتوموبىل بىلەن يېتەرلىك ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.
    بۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن يول بۆلەكلىرىنى پۈتۈنلەي سۇ بېسىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، بەزى شوپۇرلار «سۇدىن پەقەت بىر تەرەپتىكى بالون بىلەن ئۆتسىلا، بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ» دېيىشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر تەرەپتىكى بالون بىلەن سۇ كېچىپ ئۆتمەسلىكنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. چۈنكى، بىر تەرەپتىكى بالون بىلەن سۇدىن ئۆتكەندە، ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدىكى سۈركىلىش كۈچىنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا يانغا تېيىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا قىسمى سىلكىنىپ كېتىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«科技日报»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.