تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​راسچوت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا ياردەم بەردى

بېجىرىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىلدى

​راسچوت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا ياردەم بەردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ھەر قېتىمدا تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، بېجىرىش ۋاقتى ئەسلىدىكى بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولۇشتىن بەش مىنۇتقا قىسقارتىلدى... شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارغا قارىتا، شىنجاڭ ئىچىدىكى بانكا ئاپپاراتلىرى 6 - ئاينىڭ بېشىدا يولغا قويغان بۇ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرى ھەم راسچوت قىلىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇردى، ھەم كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى داۋالغۇش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

بۇ قولايلاشتۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭ ئىچىدىكى بانكا ئاپپاراتلىرى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئۈچ كارخانا ئۈچۈن 36 قېتىم جەمئىي 274 مىليون يۈەنلىك چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇش كەسپى بېجىرىپ، كارخانىلارنى «سىرتقا چىقىش» جەريانىدا تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقى پېرېۋوت ۋە چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى كېڭەيتىش بويىچە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەلەپچان بولۇش مېخانىزمى» دېيىلدى) «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىدىكى باشلامچى بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇش كەسپىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سودىلىشىش بانكا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «پىكىر» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەزا بانكىلار «چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىدىكى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش\تاپشۇرۇش ئىزاھاتى» ياكى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش - تاپشۇرۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار ئۈچۈن مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىدا خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان راسچوتىنى (ئۆتەڭ سودىسى، پۇل قايتۇرۇش بۇنىڭ سىرتىدا)، ھەم كاپىتال تۈرىدىكى خەلق پۇلى كىرىمىنى بىۋاسىتە بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سېلىنما كاپىتال مەبلىغى، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەم چېگرا سىرتىدا پېيىنى بازارغا سېلىپ توپلىغان مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق كاپىتال تۈرىدىكى خەلق پۇلى كىرىمىنى چېگرا ئىچىدە قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بېجىرىشتىن بۇرۇن ھەر قېتىمدا ھەقىقىي ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ راسچوت قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

يەككە سودا قىممىتى 50 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى بولغان مۇلازىمەت سودىسىدىكى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى چىقىمىغا قارىتا، بانكىلار بېجىرىشتىن كېيىن مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق تۈرلەردە تاشقى چىقىم بويىچە باج ئىشلىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. «بېجىرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشنى بېجىرىشتىن كېيىن تەكشۈرۈشكە تەڭشىگەندە، كارخانىلارنىڭ راسچوت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلارنىڭ سودا پۇرسىتىنى دەل ۋاقتىدا تۇتۇۋېلىشىغا پايدىلىق» دېدى لى جىڭ.

ئالدىنقى مەزگىللىك خىراجەتنى پېرېۋوت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار يۇقىرىقى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ئەگەر تۈردە ئىش باشلاپ يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، «چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىدىكى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش\تاپشۇرۇش ئىزاھاتى» ياكى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش - تاپشۇرۇش بۇيرۇقى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختامى قاتارلىق ھەقىقىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدا ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىنى پېرېۋوت قىلىش كەسپىنى بېجىرگەندە (قايتۇرۇلغان پۇل بۇنىڭ سىرتىدا)، ھەربىر چېگرا سىرتىدىكى تۈرگە ئالدىن پۇل تاپشۇرۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ جەمئىي 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار تىزىملىكىنى بېكىتىشكە قارىتا، «پىكىر»دە «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھەرقايسى بۆلەك رايونلىرىدىكى ھۆكۈمەت مەسئۇل تارماقلىرى تەۋسىيە قىلىش + تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا ئەزا بانكىلار باھالاش»تىن ئىبارەت ئىجازەتلىك باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئىجادىي ئورنىتىلدى. «بۇ، <ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا> خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قولايلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق» دېدى لى جىڭ.

نۆۋەتتە، تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا ئەزا بانكىلار شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا 159 ئەلا سۈپەتلىك كارخانىنى باھالاپ چىقتى. «ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارغا قارىتا، تەلەپچان بولۇش مېخانىزمى بويىچە ھەرىكەتچان باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار تىزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈشكە تەۋسىيە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھات تەدبىرى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى لى جىڭ.

چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا، كارخانىلار خەلق پۇلى راسچوتىنى قوللىنىپ، تاشقى پېرېۋوت راسچوتىنى قوللانمايدۇ، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، پېرېۋوت نىسبىتى داۋالغۇش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. «چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قوللانغاندا، پېرېۋوت نىسبىتى داۋالغۇش خەۋپ - خەتىرىدىن نۆل تەننەرخ بىلەن %100 ساقلانغىلى بولىدۇ، چۇنكى سودا جەريانى پۇل تۈرىنى ئالماشتۇرۇشقا چېتىلمايدۇ. چېگرا ھالقىغان سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، كارخانىلار ئىمكانقەدەر خەلق پۇلى راسچوتىنى قوللىنىدىغان سودا توختامى ئىمزالاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى لى جىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.