تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتقا كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئالىمىز.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ئىجرا قىلغۇچىلىرىدىن، ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «قارار»دىكى تەلەپكە سېلىشتۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دىققەتنى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ياخشى چارە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشقا يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى نامايان قىلىدىغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.