تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا تېپىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خىزمەت پىكىر يولى، ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ ۋە ئايلاندۇرۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، پونكىتى، نۇقتىسى» ۋە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.