تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپەنامىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپى، مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرمۇبىر ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئىجرا قىلىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى دائىملىق تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىك، ئىلمىيلىك، دەل جايىدا بولۇشنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە سىجىل يېتەكلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قايتا پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئىسلاھات يولىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي مېتودولوگىيەدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە سىجىل ئازاد بولۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.