تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانلىق مەلۇماتلار توردا يوللىنىدىغان بولدى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قەغەزسىزلەشتى

جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قورغاستىن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەچچە قېتىم قاتنايدىغان بولدى

سانلىق مەلۇماتلار توردا يوللىنىدىغان بولدى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قەغەزسىزلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى، قورغاس، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر نۆۋەتچى پويىزنىڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ پورت ئارقىلىق بۇ يىل قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 4651 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 22 قېتىمدىن ئاشتى.

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانى ئىچىدە نەچچە يۈز يۈك ساندۇقى تىزىلغانىدى، مەيداندىكى ئىككى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش لىنىيەسى بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، كېشەك كىراندىن ئالتىسى يۈك ساندۇقلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆتۈرۈپ ياندىكى پويىزغا قاچىلاۋاتاتتى، يۈك ساندۇقلىرىغا كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغانىدى. ئۆلچەملىك رېلىس مەيدانىدا، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاشنى تاماملىغان، لىق يۈك قاچىلانغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەدە توختاپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى.

يۈك قاچىلاش بىلەن بىللە، قورغاس بوباۋ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيايى يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلىپ، تۆمۈريول 95306 يۈك توشۇش سۇپىسىدا زاكاز قوبۇل قىلىشنى جەزىملەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى تاماملىدى. «كەسىپ توردا بېجىرىلىدۇ، كۆزنەككە بېرىپ قەغەز ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دېدى ئۇ.

قورغاس ۋوگزالى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئېكرانىدا پۈتۈن ۋوگزالدىكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇراتتى. «كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 20 قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇ، مەشغۇلات ئۈنۈمى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى ۋوگزال بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ رۇڭ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، دەپ تەكىتلەندى. «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، نۆۋەتچى پويىزنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى بېيىتىشقا پايدىلىق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق بۆلۈمى خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىن. بولۇپمۇ بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك پورت» ۋە «قەغەزسىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» سىستېمىسى تۈرى، تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «سانلىق مەلۇماتنى توردا يوللاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

قورغاس تۆمۈريول پورتى بىرلەشمە تىرانسپورت خىزمەت بىناسىدا، كەسپىي كۆزنەكتىكى خىزمەتچى خادىملار كومپيۇتېر ئالدىدا مال ئۇچۇرلىرىنى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇۋاتاتتى. قورغاس ۋوگزالى يۈك توشۇش سېخىنىڭ ئىچكى خىزمەت نۆۋەتچىسى سۈي يەن مۇنداق دېدى: ئىمپورت تالونىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى تالون ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا كىرگۈزەتتۇق، بىر پارچە تالوننى تەرجىمە قىلىشقا ئىككى سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى. «رەقەملىك پورت» ئېچىلغاندىن كېيىن، ھازىر پەقەت تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزسەكلا بارلىق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، پۈتۈن يۈرۈش تەرتىپنى بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا تاماملىغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قازاقىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ پويىزلىرىنىڭ يولغا چىقىش ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتى قاتارلىق يۈك توشۇش ئۇچۇرلىرىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆزئارا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، «پويىز ئادەم ساقلاش»نى «ئادەم پويىز ساقلاش»قا ئۆزگەرتىپ، پويىزنىڭ توختاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. نۆۋەتتە، قورغاس پورتىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چېگرا تەكشۈرۈش بويىچە يەككە تەكشۈرۈش ۋاقتى 50 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقا قىسقارتىلدى.

«بىر كۈندە 380 مىنۇت ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، ئۈچ قېتىملىق پويىزنى ئارتۇق يولغا سېلىشقا يېتىدۇ» دېدى يۈ رۇڭ.

2016 - يىلى تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئومۇمىي سانى 83كە يېتىپ، 18 دۆلەتتىكى 46 شەھەر ۋە رايونغا تۇتىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم «ئالتۇن يول»ىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.