□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ قاراتمىلىقى ۋە بىرىكىشچانلىقى كۈچلۈك بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىجىل كۈچەش ئۈنۈمىنىڭ نامايان بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئىستېمال ئېھتىياجى ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، شىنجاڭنىڭ ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى ئۆستى، شىنجاڭنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى سىجىل ئېشىپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 12 مىڭ 192 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان.
«ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى يوشۇرۇن كۈچ سىجىل كۈچەيدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىستېمال شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلىشى، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشى، ئىستېمال تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشى ئىستېمالنىڭ داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
كىرىم كۆپ مەنبەلەشتى
ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلدى
سەيلە - ساياھەت، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتى... يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.
مېيتۇەن سۇپىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلانغان، مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرىدىكى زاكاز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن ئارتۇق ئاشقان، شىنجاڭدا ساياھەت قىلىشقا دائىر مەزمۇنلارنى مېيتۇەن سۇپىسىدا ئىزدەش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70كە يېقىن ئاشقان.
ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتلەر ئارقىلىق سىجىل كۈچەپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 174 مىليارد 166 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى.
ئىستېمال پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيدى −
«يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزا - كەنتلەردە بازار ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى شەھەر - بازارلارنىڭكىدىن تېز بولدى» دېدى خاۋ جۈنچىڭ.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى 11 مىڭ 92 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %8.7 ئاشقان. قاتناش، خەۋەرلىشىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئاھالىلەر ئىستېمالىدىكى سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ھەم مۇلازىمەتتە ئومۇميۈزلۈك ئېشىش بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمال چىقىمى %10.3 ئېشىپ، ئاھالە ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.5 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.
كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى −
ئىستېمالنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ تۈپ تەدبىر كىرىم تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى كېڭەيتىپ، ئاھالىلەر كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمىنىڭ نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى تەشكىل قىلىدىغان تۆت تۈر ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ۋە تىجارەت ساپ كىرىمى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ياخشىلاندى، توپ ۋە پارچە سېتىش، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم بىلەن تىجارەت ساپ كىرىمىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %84.1كە يېتىپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش ئېلاستىكلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
سانلىق مەلۇماتلاردىكى يۈكسىلىش بازار كۈچلۈك جانلىنىش، ئىقتىساد مۇقىم ئەسلىگە كېلىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ سىگنالنى قويۇپ بەردى.
«بۇ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشى ھەمدە شىنجاڭدا ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تاۋارلارنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كونىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت - ئىستراھەت، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ قاتارلىق ئىستېمال بازارلىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاھالىلەر ئىستېمال چىقىمى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى.
مەنزىرىدە يېڭىلىق يارىتىلدى
يېڭىچە ئىستېمال جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى
«يازلىق ئىقتىساد»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى، نۇقتىلىق سودا كوچا رايونلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرى شەكلى كۆپ خىل بولغان ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى خاس يېمەك - ئىچمەك، مودا پارچە سېتىش، ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار ۋاقتى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ياشلارغا خاس مودا، مودا ئېقىملاشقان سودا يەر بەلگىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى پەن دايوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: مال سېتىۋېلىش مەركىزىمىز قانات يايدۇرغان شەھەر دالىدا قونۇش، چۆكمە شەكىلدە ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۇكاندا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان خېرىدار 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
ھېس قىلىش ئىقتىسادىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزى قول سېلىپ ياساش DIY كۈنسېرى شىنجاڭدىكى ياش ئىستېمالچىلار ئەڭ ئالقىشلايدىغان كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئايلاندى. مېيتۇەن سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان DIY مەھسۇلات تۈرى سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن، 30 ياشتىن تۆۋەن ئىستېمالچىلار چۈشۈرگەن زاكاز مىقدارى %60تىن ئارتۇق نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشى شىنجاڭدا ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىچە ئىستېمال ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلاملىق ئىستېمالى يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلانغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جابدۇقلىرى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش - ساياھەت، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «مودا مەھسۇلات»لار يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان.
− دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى تاۋارلاردا ئېشىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى. سىياسەت تۈرتكە بولۇش، كىرىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتى پايدىلىق بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رول ئوينىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىيىشنى كۈتۈۋالماقتا، ئاھالىلەرنىڭ سۈپەتلىك، خاسلاشقان، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلمەكتە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى تاۋارلاردا ئىستېمال سىجىل كېڭەيمەكتە. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى قىسمەن تاۋارلارنىڭ سېتىلىشىدا تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى تۈرى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 ھەسسە، %61 ئاشقان.
− تور ۋە تور سىرتى تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلدى. ساياھەتچىلىك، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك كەسپى تىجارىتىنىڭ قىزىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى شەكىل، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى سودا پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى توختىماي ئۆتكۈزۈلدى، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار، تاللا بازارلار، ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ توردا سېتىشى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ تور سىرتى شەكلى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق تاۋارلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 ھەسسە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
− مۇلازىمەت ئىستېمالى بىرقەدەر تېز ئاشتى. يېمەك - ئىچمەك، قاتناش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل قويۇپ بېرىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان يېمەك - ئىچمەك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان.
بازار ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، «2024 - يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى تەڭ قەدەمدە باشلىدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىدىغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال كەيپىياتى يارىتىپ، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇردى، پارچە سېتىش بازارلىرىدا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يوشۇرۇن ئىقتىدار چوڭقۇر قېزىلدى
«يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك بولدى
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىستېمال بازىرىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىدا ئېشىشقا تۈرتكە بولۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىش دۇكانلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلارنىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمە زاللىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
جىكې ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى جاڭ كېپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سېتىلىۋاتقان تۆت خىل تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھەممىسى ساپ توكلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىمىز، ئايلىق ئوتتۇرىچە سېتىلىش مىقدارى 120 ئاپتوموبىل ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى، سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بازارلىرىدا يېشىل ئىستېمال «كىچىك دولقۇنى» كۆتۈرۈلدى.
«يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېخىمۇ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بار ئىكەن، يېقىنقى مەزگىلدە ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلىمنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ مېڭچى. ئۇ مۇنداق ھېسابات قىلدى: يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپتۇ، لېكىن باھاسى 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئەرزان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا، باھاسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىكەن.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون پائال تۈردە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت پايدىلىق سىياسەتنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىستېمال تەسىراتىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە كۈچەيتتى.
ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالى ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان: ئىشقا ئاشۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پارچە سېتىلىش سوممىسى 10 مىليارد 3 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 ھەسسە ئاشقان.
«يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى مۇھىم يول ۋە كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاۋ خەيبىن.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى زورايتقاندىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە پائال تۈردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھالقىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، توكلىغۇچ قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى قوللاپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالى ئۈچۈن بوشلۇقنى كېڭەيتتى.
خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار كۆپىيىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ نامايان قىلىندى. كېيىنكى باسقۇچتا، ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك تەمىناتنى كۆپەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.