تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كۆپ تەرەپ كۈچ ئۇلاپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 19 ياشلىق ئوغۇل بالىغا «سۈنئىي يۈرەك» ئالماشتۇردى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا، دوختۇر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن شياۋيۈنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شياۋچىڭ فوتوسى

    ئەگەر ئېسىۋالغان كىچىك سومكىدىن «ۋىژ- ۋىژ» قىلغان ئاۋاز چىقمىغان بولسا، 19 ياشلىق ئوغۇل بالا شياۋيۈ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھەتتا يۈرىكىدە يەنە بىر «مېخانىك ئۆزەك» بارلىقىنى ھېس قىلالمىغان بولاتتى. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىشىپ شياۋيۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «سۈنئىي يۈرەك» كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

    «دوختۇرخانا ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ، مېنى قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى»، دېدى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان شياۋيۈ.

    زۇكامداپ قالغاندىن باشلاپ يۈرەك «كاردىن چىقىش»قىچە

    شياۋيۈ قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇپ، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، يېرىم يىل ئىلگىرى زۇكامداپ قېلىش ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى.

    «ئەسلىدە زۇكامداپ قېلىشنى كىچىك كېسەل دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن كېسەللىك ئەھۋالىم بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى، ھەرىكەت قىلساملا نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم». شياۋيۈنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ جايدىكى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا، كېڭىيىش تىپىدىكى يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، ئىككى قاناتلىق كىلاپان تولۇق يېپىلمايدۇ، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

    بۇ يىل 5- ئايدا، شياۋيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا داۋالاتقىلى ئەكەلگەندە، شياۋيۈگە كېڭىيىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، سوزۇلما سول يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس، 4- دەرىجىلىك يۈرەك زەئىپلىكى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

    شياۋيۈنىڭ مەسئۇل دوختۇرى، شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئابلىمىت ئەخەت مۇنداق دېدى: ئادەتتە كېڭىيىش تىپىدىكى يۈرەك مۇسكۇل كېسىلىنى دورا ئارقىلىق ئوپېراتسىيەسىز داۋالاشقا بولىدۇ، لېكىن شياۋيۈنى ئوپېراتسىيەسىز داۋالاش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن، يۈرەك ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يۈرەك زەئىپلىشىش ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.

    كۆپ تەرەپ كۈچ ئۇلاپ «يۈرەك ئالماشتۇرۇش»

    شياۋيۈنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۇنىڭ كۆچۈرۈلىدىغان يۈرەكنى ساقلىشىغا يار بەرمىگەچكە، شياۋيۈ ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر كوللېكتىپى ئۇنىڭغا «سۈنئىي يۈرەك» كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قارار قىلدى.

    شياۋيۈنىڭ بېشىغا كېلىشمەسلىك كەلگەنلىكى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر، ساۋاقداشلىرى ھەمدە تېببىي خادىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك كۈچ ئۇلاپ پۇل ئىئانە قىلىپ، ئۇنى ئاكتىپ داۋالىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

    بۇ يىل 6- ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى مەركىزى، بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى «كىچىك ئۆمەك» داۋالاش بويىچە ئۈرۈمچىگە ياردەم بېرىدىغان ئەزا ئورۇن بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى جاۋ چېڭ بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى يۈرەك- ئۆپكە كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇڭ مىڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى كۆپ پەنلەر بويىچە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، پۇختا ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

    6- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش بۆلۈمى، بەدەن سىرتىدا قان ئايلاندۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ھەم پەرۋىش قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ياردىمىدە، ئالايىتەن بېيجىڭدىن كەلگەن گۇڭ مىڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى باشلاپ شياۋيۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «سۈنئىي يۈرەك» كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

    ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى قاتارلىق كۆپ پەنلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى بىلەن، شياۋيۈ يۈرەك زەئىپلىشىش ئېغىرلىشىش، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، قاناش قاتارلىق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، سالامەتلىكى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

    سومكىغا قاچىلانغان بىر «يۈرەك»

    7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى كېسەلخانا بىناسى ئاستىدىكى گۈللۈكتە، شياۋيۈ بىر قارا رەڭلىك كىچىك سومكىسىنى ئېسىپ، بىراقلا 40 مىنۇت ماڭدى.

    ھازىر، شياۋيۈنىڭ قىممىتى يۇقىرى سۈنئىي يۈرىكى بار بولۇپ، ھەر كۈنى «توك قاچىلايدۇ»، 24 سائەت يېنىدىن ئايرىمايدىغان كىچىك سومكىسىغا دەل «سۈنئىي يۈرەك» كونتروللىغۇچ ۋە توك مەنبەسى قاچىلانغان.

    «كېيىنكى مەزگىلدە شياۋيۈنىڭ سالامەتلىكى ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلسە، زىيادە قاتتىق ھەرىكەت ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بولمىسىلا، ئادەتتىكى كىشىلەر قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىۋېرىدۇ». جاۋ چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى «سۈنئىي يۈرەك» كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش ئاخىرقى مەزگىلگە بېرىپ قالغان ئاغرىقلارنى داۋالاش ساھەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا يۈرەك كۆچۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا  ئۈمىد بېغىشلىدى.

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شياۋچىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.