شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئىچىدىكى 60 تۈرلۈك ۋەزىپە ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى بىر كارخانا جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى «كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىردى، بۇ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۇنجى غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ كارخانا ئاساسلىقى چېگرا سىرتىدا مەدەنىيەت ـ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىلگىرى چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرۇشتا ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن كېيىن، بىۋاسىتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى بىرىنچى ۋاقىتتا كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلىگەن ھەم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كارخانىغا ياردەملىشىپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملاپ ھەم ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىپ، «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق»تەك پۈتۈن مۇساپىنى ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
«پۈتۈن جەريان توردا بېجىرىلىدۇ، ۋاقىت ھەم كۈچ تېجىلىدۇ» دېدى كارخانا كەسپىنى ئۇدۇللاشتۇرغۇچى جاڭ زوجېڭ.
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2013 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز يەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ 22 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىپ، ھەر تەرەپنى قاپلىغان، دېڭىز بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويى بىرتۇتاش پىلانلانغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قالدى، بۇ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك پاختا ـ پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇلدى، «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى... قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى بۆلەك رايونلار دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.
قازاقىستان مەركىزىي كىرېدىت بانكىسى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان چەت ئەل مەبلىغى بانكىسى. «بانكىمىز جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا كەسىپ راسچوتى، خەلق پۇلى بىلەن تەڭگە نەق پۇلىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.» قازاقىستان مەركىزىي كىرېدىت بانكىسى جۇڭگو ـ قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى يېدىل مۇقامادى مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگونىڭ تاۋار ئاپتوموبىللىرى، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى قازاقىستاندا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋالغان خېرىدارلار بانكا ئارقىلىق بىۋاسىتە ھېسابات يۆتكىيەلەيدۇ، يەنە قەرز بېجىرەلەيدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى سودا قىممىتىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 72 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %33ىنى ئىگىلىدى.
«تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يادرولۇق بۇرچى.» گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تاشقى ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ فۇجۈن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى «غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قۇرۇلۇش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشى، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلىشى، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.