ئاپتونوم رايون پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى
ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ زور دەۋر ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي تەسىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرى توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش، ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلەر توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش كېرەك. لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يىغىن روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ دەرسنى پۇختا تەييارلاپ، يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىگىلەپ، دەل جايىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك.