− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
قەشقەر ۋىلايىتى:
ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز
7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى كۆپ شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات - لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى قاتارلىقلاردىن بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاشتىكى ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قەشقەر ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.
ئالتاي ۋىلايىتى:
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى پىلانلايمىز
7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە تۈرلۈك ئاساسلىق كۇرسلارنىڭ «زۆرۈر دەرسلىكى» قىلىپ، كادىرلارنى مەركەزلىك تەربىيەلەش، نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، شەكىلنى بېيىتىپ، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق پۈتۈن تاراتقۇ سېپى بەرپا قىلىپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نەزەرىيە چۈشەندۈرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىدىن ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەر ۋە مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، پىلانلاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز
7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكىشى، ئاخىرقى ئۇچىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تولۇق قاپلاش، قاتلاملارغا بۆلۈپ ئۆگىنىش - تەربىيەلەش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، روھىي ماھىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
تارباغاتاي ۋىلايىتى:
ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز
7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، «چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى +» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «پورت يولى ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپ ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش» قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تارباغاتاي تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ تىڭ، رايىدە)