□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
يېقىندا، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى» دېيىلدى) 2024 - يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېلانى چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە، ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش بۆلۈمى (مۇدىرىيەت ئىشخانىسى)، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئىشلىرى بۆلۈمى، ئىختىساسلىقلار رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشلىرى بۆلۈمى قاتارلىق باش شىركەت ھەم بالا شىركەتلەردىكى بۆلۈم باشلىقى، باشقۇرغۇچى، دىرېكتور، مەخسۇس خادىم قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا جەمئىي 39 كەسپىي ئىختىساسلىق خادىمنى تەكلىپ قىلدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ ئېلان ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى ۋە جەمئىيەت ئالاقە تورى سۇپىسىدا تېزدىن كەڭ تارقىلىپ، بۇ كارخانىنى تېزلا ئاممىغا تونۇتتى.
نۇرغۇن كىشى قىزىقتى: شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى قانداق كارخانا؟
بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو خەلقئارا تېخنىكا، ئەقلىي كۈچ ھەمكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ تەشكىللەپ قۇرغان دۆلەت ئىلكىدىكى تولۇق مەبلەغلىك شىركەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار كەسپى تەرەققىياتى، بازارلاشقان تىجارىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى سۇپا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى يېڭى شەيئى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى قۇرۇلۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئېچىلىپ ۋە تەقسىملىنىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەكىتلەندى. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇشى دەل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.
ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. بۇ ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان مېخانىزم ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، تۆت جەھەتتىكى 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى.
«بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە. ھەرقايسى جايلاردىكى تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار ناھايىتى قىزغىن بولدى، ئۇلار بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، سىچۇەن قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كەلگەن» دېدى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ شو. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇرۇھ يەنە قارىمىقىدىكى شىنجاڭ بودا ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تولۇقلىدى.
خادىملار تولۇقلانغاندىن كېيىن، ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى قانداق كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ؟
جاڭ شو مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئېلىشقا كۈچەپ، دۆلەت مۈلكىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، GBC مۇلازىمەت سىستېمىسى (G ئۇچى − ھۆكۈمەت، B ئۇچى − كارخانا، C ئۇچى − ئىختىساسلىقلار) بەرپا قىلىدۇ، بۇ لايىھە «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى، ئاقىللار ئامبىرى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، تەربىيەلەش مۇنبىرى مۇلازىمىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلار تۈرىگە مەبلەغ سېلىش، ئىختىساسلىقلار رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسىپ بۆلىكىدىكى 25 خىل مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇش، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش، دۇنياغا نەزەر سېلىش. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كۈچ قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، توپلاش ئىقتىدار تىپىدىكى يولغا قويۇش سۇپىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت سۇپىسى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىر بېكەت شەكلىدە يېتىشتۈرۈش سۇپىسى، ئىختىساسلىقلار كاپىتالى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ ئېچىش بويىچە كەسىپلەشكەن تىجارەت سۇپىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئىختىساسلىقلار بويىچە خەلقئارالاشقان ھەمكارلىق سۇپىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتىدىكى ئۈلگە كارخانا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت زەنجىرى ئۇزۇن كارخانىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىختىساسلىقلارغا تەقەززا، تېخىمۇ مۇھىمى، يەنە ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. «گۇرۇھنىڭ تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى جاڭ شو.