شىنجاڭ گېزىتى، مورى، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتىلار ھەل قىلىندى، ئىسلاھ قىلىشتىن ئىلگىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شامال ئېلېكتىر تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاز دېگەندە 180 كۈندە تاماملىغانىدى؛ ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت 18 كۈندىلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدى، 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى تېز ئەمەلىيلەشتى.
7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يەتتە كارخانا بىرلىكتە قۇرغان 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قاتار - قاتار شامال گېنېراتورلىرىنىڭ ئۇل تەگلىكىگە بىر - بىرلەپ بېتون قۇيۇش تاماملاندى، نەق مەيدان قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىگە تولدى. بۇ تۈرنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتتۈرۈپ تورلاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى.
«مورى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى 1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش قىلدى.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لۇ شيۇرۇڭ مۇنداق دېدى: ناھىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش، تۈرنى تۇتقا قىلىش، تۈرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، تۈرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دەرھال بېجىرىش، يېتىشىپ بېجىرىش، قادىلىپ بېجىرىش» خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، تۈرلەرنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولدى.
2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇشى يەنە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، كارخانا مۇددەتتىن بۇرۇن نەق مەيدانغا بېرىپ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۇلاش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ، تورغا ئۇلاش پىرىنسىپال پىكرىنى تارقاتتى ھەم 4 - ئايدا مورىنىڭ جەنۇبى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەم قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا نەتىجە يېتەكچى قىلىنىپ، مېخانىزم چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى قايتا بەرپا قىلىش يولغا قويۇلدى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئالدىن ئارىلىشىپ، قاتلاممۇ قاتلام ئالغا سىلجىتىپ، ھەمتۈرتكىلىك يولنى ئاچتى.
«توغرا يۆنىلىشتە، ھەرقايسى تارماقلار بىرلا ۋاقىتتا ئىش بېجىرىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ما بو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا كارخانىلار ئۈچۈن ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىپ بەردۇق، كېيىنكى ئىككى كۈندە 762 مىڭ مو يەرنىڭ يەر شەكلىنى ئۆلچەپ سىزىش، 2790 مو يەرنىڭ پاسىلىنى ئېنىقلاشنى تاماملىدۇق.
تىك يۆنىلىشتە، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق تارمىقى ئۆلچەش - سىزىش بىلەن بىللە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى بوشلۇق يىرىك پىلانى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، تېجەشلىك پايدىلىنىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە بىر قېتىمدىلا مەركەزلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، يەر ئىشلىتىشنى ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ تارقاتتى، ئومۇمىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قەرەلىنى 15 كۈندىن ئۈچ كۈنگە قىسقارتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، تۈر ئورنىنى تاللاش پەقەت بىر كۈندىلا تاماملاندى، تۈرلۈك مەخسۇس تۈر دوكلاتلىرىنى تۈزۈش ۋاقتى 60 كۈندىن ئون كۈنگە قىسقارتىلدى؛ ئورمان، ئوتلاق يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش جەھەتتە، بىر كۈندە 2809 مو ئورمان، ئوتلاق يېرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە تۆلەم پۇلىنى مۆلچەرلەپ ھېسابلاش تاماملاندى، شۇ كۈنى تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئورمان، ئوتلاقنى تەكشۈرۈپ باھالاش ماقۇلنامىسى ھاسىل قىلىندى... تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىلىرىنىڭ تېزلىشىشى مورىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئەنئەنىۋى چەكلىمە بۇزۇپ تاشلىنىپ، قابىللار باشلامچى بولۇش يولغا قويۇلدى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر سېلىنما گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەركەز كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى قابىللارنىڭ تىزىملىككە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، كارخانىلار ئارىسىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان رىقابەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى. «مەركەز كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشتىمۇ تۈر تۇرغۇزۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىش تەرتىپى بار». شىنجاڭ لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى بازار ماركېتىڭى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى بىڭ مۇنداق دېدى: مورى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە، كارخانىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بېجىرىش تەرتىپىنى تېزلەتتۇق.
يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولدى، تەرتىپ قايتا بەرپا قىلىندى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ماس قەدەمدە بولدى، مورىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى قويۇپ بېرىلمەكتە.