تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قاغىلىققا بېرىپ پۇتى كېسىۋېتىلگەن ئوغۇل بالىنى يوقلىدى

مەنبە: قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

   7- ئاينىڭ 19- كۈنى، شاڭخەي چياڭناۋ پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى شى ۋېيبىن بىر يىلدىن كېيىن يەنە قاغىلىق ناھىيەسى خېيۈەن بازىرى ئاياغ كۇچى كەنتىگە كېلىپ، پۇتى كېسىۋېتىلگەن ئوغۇل ئەكرەمجان توختىنى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ھەم ئۇنىڭغا ھال سوراش پۇلى بەردى. 

   شى ۋېيبىن ئەكرەمجاننىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ھاسىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدىغان، ماڭالايدىغان بولغانلىقىنى، روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەكرەمجاننىڭ سۈنئىي پۇت ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇنى سۈنئىي پۇت ئاسراش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن ئىزچىل ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۈمىدۋار بولۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى كۆپرەك قىلىپ، پۇت  ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇردى. 

   ئەكرەمجان توختى مۇنداق دېدى: «ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەيمەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت.» 

   2022- يىلى 9- ئايدا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئەكرەمجان ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى مەشغۇلاتى جەريانىدا بىخەستەلىكتىن ئوڭ پۇتى نەق مەيداندا ئۈزۈلۈپ كەتكەن، سول پۇتى ئېغىر زەخمىلەنگەنگەن بولۇپ، كۆپ تەرەپنىڭ بىرلىكتە كۈچەپ قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق، سول پۇتى ساقلاپ قېلىنغانىدى. 2023- يىلى 4- ئايدا، شاڭخەي چياڭناۋ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خالىس ياردىمىدە، ئەكرەمجان چياڭناۋ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەپچىل سۈنئىي پۇتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورناتتى، بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. 

   قاغىلىق ناھىيەسى خېيۈەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات ھەيئىتى چولپانگۈل روزى مۇنداق دېدى: «شاڭخەي چياڭناۋ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كۆپ رەھمەت، كېيىنكى قەدەمدە، ئەكرەمجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز». 

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، قوشۇمچە قاغىلىق ناھىيەسى خېيۈەن بازىرى ھويلا كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گۇ يىڭسۇ مۇنداق دېدى: «شى ۋېيبىن ئەپەندى 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، ئەكرەمجاننىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئۇنى يوقلىدى، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى، بۇ خىل چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان روھتىن بىزمۇ يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۇق»، 

   شى ۋېيبىن يەنە خېيۈەن بازىرى ھويلا كەنتى بىلەن كەنت - كارخانا ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، كەنت كادىرلىرى ۋە بېيىش باشلامچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، ئىككى تەرەپ يېزا - كەنت بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت تەرەققىياتى بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، كەنت بىلەن كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك ئامىللارنى تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ ماركا يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

(قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ليۇ گوشيۇڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.