− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ۋە «قارار» ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈرلۈك شەكىللەردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.
كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، كۈچلۈك بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، «قارار» يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى:
يېپيېڭى ئىسلاھات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمىز
7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى پارتىيە گۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، كۈچنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىشىمىز، رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھ قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان، كارخانا ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاساسىي قاتلام كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساھەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ «كىچىك دائىرىلىك» ئىسلاھاتنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت مىساللىرى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ چىڭ كۆزلىيەلەيدىغان، ئېلىپ چىققىلى بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى:
ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاۋاب بېرىمىز، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن يىللىق قاتناش مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، 3 - پەسىللىك قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى بەرپا قىلىش ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشى ئۈچۈن قاتناش كۈچىنى قوشىدۇ؛ دىققەتنى قاتناش - تىرانسپورتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى:
سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز
7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جياۋ چۇەنشى مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ سۇچىلىق نازارىتىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سۇچىلىقنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە ھەرقايسى مۇھىم يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈش، سۇچىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۇنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش داۋامىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا بىردەك ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فوندى، سۇ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئىسلاھات»نى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى سۇ تېجەش، سۇنى كۆپەيتىش، سۇ ئامبىرىدىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاش، ئېكولوگىيەدە سۇ ئىشلىتىش، قىرتاق سۇدىن پايدىلىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سۇچىلىق تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى:
تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىمىز
7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىش ۋە كۆپ ساھەدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد 630 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتەك مۇھىم ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا شىنجاڭ سودا كۈچىنى پائال قوشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى:
«ئۈنۈملۈك باج» بەرپا قىلىمىز
7 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، شىنجاڭ باج سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «قارار»دا مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، خامچوت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، باج تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن شىنجاڭ باج سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىن روھىغا ئاڭلىق توغرىلىنىپ، باجنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، باجنى سان ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، باجنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈنۈملۈك باج» بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە دائىم غېمىدە بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق، كېيىنكى يېرىم يىللىق باج خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باجنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى:
يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جېڭ يۈفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش، بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش؛ دىققەتنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش؛ دىققەتنى قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش + ئاقىل ئىناۋەت» بويىچە پۈتۈن كەنت ئىناۋەت يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە توردا ئومۇمىي مەنپەئەتدار يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار بويىچە ئائىلىلەرنى كۆپەيتىش، دائىرىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش؛ دىققەتنى ئىچكى تىزگىنلەش - باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى تىزگىنلەش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشكەن تىجارەتنى ئالدىن پىلانلاپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ دىققەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كۈندىلىك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
(مۇخبىر خېي خۇڭۋېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يايۈن، لۇ فېڭباۋ، كاڭ خاۋيەن، جاۋ يۆ، رەن خۇ)