تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەممە مەشغۇلاتنى تۇتاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا مەركىزى تور يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئىشخانىسىدا، ئىنژېنېرلار پۈتۈن شىركەت ئۈچۈن يېڭى IPv6 ئادرېسىنى پىلانلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يۇقىرى - تۆۋەنگە ئايرىلغان ئېكران ئالدىدا، ئىنژېنېرلار كۇنۇپكا تاختىسىنى تېز چېكىپ، مۇلازىمېتىر، كوممۇتاتور قاتارلىق تور ئۈسكۈنىلىرىگە بىرمۇبىر بۇيرۇق بېرىپ، تور دۇنياسىدا ھەربىر ئۈسكۈنىنى پەرقلەندۈرىدىغان يېڭى «كىملىك»نى ھاسىل قىلىۋاتاتتى.

نېمە ئۈچۈن ھەربىر ئۈسكۈنىگە «كىملىك» بېرىلىدۇ؟ ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا مەركىزى تور يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى گو لىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ، رەقەملىك زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىش بولۇپ، ئاساسىي «تەگلىك» بولغاندىلا، ئاندىن كېيىنكى مەزگىلدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش، قوزغىتىش - توختىتىش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قولايلىق بولىدۇ.

ئىلگىرىكى «كىملىك»كە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىمقى «كىملىك» IPv6 (ئالاقە تورى كېلىشىمىنىڭ 6 - نۇسخىسى)نىڭ نامىدا شەكىللەنگەن. پۈتۈن يەرشارى ئېتىراپ قىلغان كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى سودا ئەمەلىي ھەل قىلىش لايىھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، IPv6 يېتەرلىك تور ئادرېسى بايلىقىغا ئىگە. «32 خانىلىق ئادرېس بوشلۇقىنى ئىشلىتىدىغان IPv4 نۇسخىسىدىكى IP ئادرېسى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى؛ 128 خانىلىق ئادرېس بوشلۇقىنى ئىشلەتكەن IPv6 نۇسخىسىدا 2نىڭ 128 - دەرىجىسىگە باراۋەر IP ئادرېسنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، كۆپلۈكىدىن يەرشارىدىكى ھەربىر تال قۇمغا بىر IP ئادرېسى تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ.» ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا مەركىزى تور يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: IPv6 بولسىلا، ھەممە مەشغۇلاتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، IPv4نىڭ دەرىجىسىنى IPv6گە ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كارخانىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ئاساسىنى باشلامچىلىق بىلەن پۇختىلاپ، كەلگۈسىدىكى نەرسە تورى، سانائەت ئالاقە تورىنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ IPv6 قۇرۇلۇشى خىزمىتى 2023 - يىلى باشلانغان، 2025 - يىلى ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈش پىلانلاندى. بۇ قۇرۇلۇش خىزمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ IPv6نى يۇغۇرۇپ قوللىنىش ۋە قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشان تالانتلىقلىرىنى نۇقتىلىق يۆلەش تۈرى قىلىندى.

خۇاڭ لياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: IPv4تىن IPv6گە ئۆتۈشتە، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدىكى ئىككىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا، ھازىر بار بولغان ئۈسكۈنە ۋە تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياكى ماسلاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان قوللىنىش سىستېمىسىنى يۆتكەش، يېڭى كېلىشىمنى قوللاش جەريانىدا، بارلىق قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

IPv6 بىلەن IPv4نىڭ ئادرېس قۇرۇلمىسى، يول شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن پەرقى بار، تور قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن لايىھەلەپ، ئۈسكۈنە سەپلىمىسىنى يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تورىنى IPv6 بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تاماملاندى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئالاقىدار ئالتە يۈرۈش سىستېما IPv6گە كۆچۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدە ئىشخانا سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆزگەرتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.